ماگنىينىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مىنېرال ماددا ماگنىينىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: Mg

تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ماگنىي كالتسىي، فوسفوردىن قالسىلا ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا ھېسابلىنىدۇ، ئۇ DNA نى ھاسىل قىلىدىغان زۆرۈر ماددا بولۇپ، قان شېكىرىنىڭ ئېنېرگىيىگە ئايلىنىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا ئۇ ساغلاملىقنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان مىنېرال ماددىدۇر. ئادەم بەدىنىدىكى ماگنىي سەۋىيىسى ئاساسلىقى بۆرەك تەرىپىدىن تەڭشىلىپ تۇرىدۇ.

ئاساسلىق رولى:

سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سۆڭەك ۋە چىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چىشنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.

نېرۋا ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ، مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ، كالتسىي ۋە كالىيلار بىلەن بىرلىكتە يۈرەك رىتىمى ۋە قاننى ئۇيۇتۇش مېخانىزمىنى تەڭشەيدۇ، ئىنسۇلىن ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ.

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

ھەيزدىن ئاۋۋالقى يىغىندى ئالامەتلەرنى ۋە ھەيز ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ھەيز توختاپ كەتكەندىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ سۆڭىكىنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى يەڭگىللىتىدۇ.

كاناينى كېڭەيتىپ، زىققە ۋە كانايچە ياللۇغىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نورمال قىسقىرىشىنى ساقلاپ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسىنى تۈگىتىدۇ، روھىي جەھەتتە زىيادە ھاياجانلىنىشنى تورمۇزلايدۇ، جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ، خامۇشلۇق كېسىلىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، كالتسىي بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، تەبىئىي تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

كالتسىينىڭ توقۇلما ۋە قان تومۇر دىۋارىغا تىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۆرەك تېشى، ئۆت تېشى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ماددا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە يادروكىسلاتاسى بىلەن ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق.

ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:

نېرۋا سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچراپ، ئالدىراقسانلىق، تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

مۇسكۇل تىترەش، مۇجۇپ ئاغرىش ھەمدە دائىم سانجىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، يۈرەك سىقىلىش، قان شېكىرى تۆۋەنلەش، زەئىپلىشىش، ھارغىنلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: ھەيزدىن ئاۋۋالقى جىددىيلىشىش يىغىندى ئالامىتى بار ئاياللار.

ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار، ئاسان جىددىيلىشىدىغانلار، ھەمىشە جىددىي ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار، ياشانغانلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىۋاتقان ئاياللار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى:

ماگنىينىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى دانلىق ئاشلىقلار، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار ۋە قاسىراقلىق دېڭىز ھايۋانلىرىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، تەركىبىدە ماگنىي بىر قەدەر ككپ يېمەكلىكلەردىن ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان ياڭيۇ، قورۇلغان خاسىڭ، ياڭاق مېغىزى، سۇلۇ ئۇمىچى، ئۈگرە ۋە دېڭىز يۈسۈنى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار بار.

ماگنىي بىلەن كالتسىي قارشىلىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۆپ بولغاندا، ماگنىينىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سۈت تەركىبىدە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ۋىتامىن D بولسىمۇ، بەدەندىكى ماگنىي مىقدارىنى خورىتىۋېتىدۇ.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى:

ئادەم زەھەرلىنىدۇ، بۇنداق چاغدا ھاڭۋاقتىلىق، نەپەسلىنىش فۇنكىسىيىسى تۆۋەنلەش، مەركىزىي نېرۋا زىيانغا ئۇچراش، ھوشسىزلىنىش، ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

زەھەرلىنىش ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش زەئىپلىشىپ، يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

يېمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا نۇرغۇن ماگنىي زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ماگنىي قوبۇل قىلماقچى بولغاندا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. تەبىئىي يېمەكلىكلەر ئاساسلىق ماگنىي قوبۇل قىلىش مەنبەسى قىلىنسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، تەركىبىدە خلوروفىل مول يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مەۋجۇت.

ماگنىي بىلەن كالتسىي بىر-بىرىگە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۆپ بولغاندا، ماگنىينىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.

سۈت تەركىبىدە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ۋىتامىن D بولسا، ئۇ بەدەندىكى ماگنىي خورىتىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ