خالتىلىق ئىششىق بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان پاتولوگىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا شەكىللەنگەن سۇيۇقلۇق ياكى يېرىم قاتتىق ماددا بىلەن تولغان خالتىسىمان قۇرۇلما بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
سەۋەبى:
1. توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى:مەسىلەن، تۈك خالتىسى ياللۇغى، تېرە ياغ بېزى خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىقلار.
2. يۇقۇملىنىش:باكتېرىيە ياكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خالتىلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. تۇغما ئامىل:بەزى كىشىلەردە ئىرسىيەت ياكى يېتىلىشى بىنورمال بولۇش سەۋەبىدىن ئاسانلا خالتىلىق ئىششىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
4. سىرتقى زەخىملىنىش:بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى سىرتقى كۈچنىڭ سوقۇلۇشى ياكى بېسىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، توقۇلمىلار زەخىملىنىپ خالتىلىق ئىششىقنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. باشقا ئامىللار:ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ، ئۆسمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كېسەللىك تارىخىنى سوراش ۋە بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سورايدۇ ھەمدە ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خالتىلىق ئىششىقنىڭ ئورنى، چوڭ – كىچىكلىكى، شەكلى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەيدۇ.
2. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ،CT تەسۋىرىنى چۈشۈرۈش ياكى MRI تەسۋىرىنى چۈشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ خالتىلىق ئىششىقنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
3. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا، قان تەكشۈرۈش ياكى باشقا تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باشقا كېسەللىكلەرنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.
4. تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا، دوختۇر خالتىلىق ئىششىقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە يامان سۈپەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. كۆزىتىپ كۈتۈش:ئەگەر خالتىلىق ئىششىق كىچىك ھەم كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، دوختۇر قەرەللىك كۆزىتىپ، دەرھال داۋالىماسلىق تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.
2. پۇنكىسىيە قىلىپ سۇيۇقلۇق تارتىش:پۇنكىسىيە قىلىش ئارقىلىق خالتىلىق ئىششىق ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى تارتىپ چىقارغاندا، كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلەتكىلى ھەمدە خالتىلىق ئىششىقنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۇسۇلنىڭ قايتا قوزغىلىش خەۋپى بار.
3. ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش:بىر قەدەر چوڭ ياكى كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولغان خالتىلىق ئىششىقنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئوپېراتسىيە ئادەتتە قىسمەن ناركوز ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ.
4. دورا بىلەن داۋالاش:بەزى دورىلار ( مەسىلەن، ئانتىبىئوتىكلار ) يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان خالتىلىق ئىششىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
خالتىلىق ئىششىقنىڭ سەۋەبى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش مەسىلىنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر بەدىنىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمىدا بىنورمال مونەك ياكى خالتىلىق ئىششىق پەيدا بولغانلىقىنى بايقىسىڭىز، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كەسپىي داۋالاش باھالاش ۋە داۋالاشقا ئېرىشىشىڭىز كېرەك.