توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىز دائىم كىشىلەرنىڭ ياللۇغلىنىپ قالغاندا ياللۇغقا قارشى دورا يەيدىغانلىقىنى، كېسەلنى بايقاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز.
كىلىنىكىلىق دوختۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسىم راك كېسىلى ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرمۇ ياللۇغلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ياللۇغلىنىش ئادەم بەدىنى يۇقۇملىنىش، سىرتقى زەخىملىنىش قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، ئورگانىزمدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاساسىي ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى بولۇپ، بۇ خىل ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى ئۆلگەن توقۇلمىلارنى تازىلاپ، يۇقۇملىنىشنى تورمۇزلاپ، نورمال ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
ياللۇغلىنىش ئەسلى ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى بىر خىل مېخانىزمى، لېكىن ياللۇغ كونتروللۇقىنى يوقاتسا، پەيدا بولغان ياللۇغ فاكتورى نورمال ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈپ، كۆپ خىل كېسەللىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. دىيابېت كېسىلى
بىز دائىم دىيابېت كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى ئىنسۇلىن كەمچىل بولۇش ياكى ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت دەيمىز. ئەمەلىيەتتە ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ مەنبەسى ياللۇغلىنىشدىن ئىبارەت. دەل ياللۇغلىنىش ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ مېتابولىزمنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىش فاكتورىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچە ھۈجەيرىلىرىنى تەدرىجىي زەخىملەندۈرۈپ، ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. راك كېسىلى
راك كېسىلىنىڭ تاماكا چېكىش، زەھەرلىك ماددىلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ ئامىللار ئادەم بەدىنىدە ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورگانىزمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا مۇقەررەر ھالدا ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشىگە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى قانچە كۆپ بولسا، گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى راك ھۈجەيرىلىرىنى پەيدا قىلىش خەۋپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشمۇ راكنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم شەرت.
3. سېمىزلىك
بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سەمرىپ كېتىش مەسىلىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى زىيادە كۆپ، ھەرىكەت ئاز بولۇش سەۋەبىدىن ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ ماي يىغىلىپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
زىيادە ماي كۆپ مىقداردا ماي ھۈجەيرە فاكتورىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بىماردا پۈتۈن بەدەنلىك ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك تۆۋەن دەرىجىدىكى ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
4. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
دائىم كۆرۈلىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ۋە يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك – مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى بىۋاسىتە ھالدا قان تومۇرنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان تومۇرنىڭ چۈرۈكلىشىشى، قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبە بولسا ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغ فاكتورىنىڭ قان تومۇر ئىچكى تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
شۇڭا ياللۇغلىنىش ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، كىچىككىنە ياللۇغلىنىش دائىم كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن ئېغىر كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.