ئانا سەھىپەدورا ۋە ساغلاملىقدورا ئىشلىتىشياشانغانلار ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

ياشانغانلار ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن ياشانغانلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشانغانلار دائىم ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بەدىنىنى تەڭشەيدۇ.

ياشانغانلار ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

ياشانغانلار نەپەسلىنىش سىستېمىسى يۇقۇملانغاندا ئۆزى ئانتىبىيوتىك دورا ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك :

1. ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلەش، بۇ نۇقتىدا قاننى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دورا تاللاپ ئىشلىتىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

2. دورا ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى، تەسىر قىلىش دائىرىسى ۋە زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرىنى چۈشىنىش، ئىمكانقەدەر زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرى كىچىك، ئەزالارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

3. كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ياشانغانلاردا ئۇزاق مۇددەت تەكرار يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىنچە مەنپىي تاياقچە باكتېرىيەنى ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە دورا تاللاشقا بولىدۇ.

4. دورا ئىشلىتىشنىڭ دەسلىپىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ بەلغەم تەكشۈرتۈش ۋە دورىغا بولغان سەزگۈرلۈك تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، دورا ئىشلىتىش لايىھەسىنى يەنىمۇ تەڭشەش كېرەك.

5. دورا ئىچىش جەريانىدا دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزىتىش، مەسىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى، يۆتىلىش قېتىم سانى، بەلغەم مىقدارى ۋە رەڭگى، دەم سىقىلىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قان رايى ۋە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى قايتا تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، دورىنىڭ ئورگانىزمغا زىيانلىق ياكى زىيانلىق ئەمەسلىكىنى بىلىش كېرەك.

6. دورا مىقدارىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ ياكى دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە دېيىلگىنى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئوبيېكتىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17916170.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-11 / 04:51:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ