كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلەنگەندە. ئاغرىقتا دەسلەپتە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭۈل ئايلىنىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېيىن يەنە بېشى قېيىپ يىقىلىش، ھوشسىزلىنىش، چوڭ – كىچىك تاھارەتنى تۇتالماسلىق، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلىرى ئوكسىگېن يېتىشمەي، نەپەس ئاجىزلىشىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
(1) دەرھال ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ، شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، يېڭى ھاۋا سۈمۈرۈش لازىم.
(2) ئاغرىقلارنى شامال ئوبدان ئۆتۈشىدىغان ئۆيگە يۆتكەش لازىم.
(3) كىيىمنى سېلىۋېتىش، تېمپېراتۇرىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
(4) ئىسسىق شېكەر قىيامى ۋە چاي ئىچىش لازىم.
(5) نەپەس قىيىنلاشقان ياكى توختىغان ھامان سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش لازىم.
(6) ئېغىر بولغانلىرىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش كېرەك.
مەمتىمىن ھاشىم تەييارلىغان