نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار بوۋاقلىرىنى ساغلام تەربىيەلەش ئۈچۈن ، ئۇلارغا كالتىسىي ۋە ۋىتامىن D نى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلدۇرۇۋاتىدۇ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا
ئەگەر بوۋاقلارغا كالتىسىي زىيادە كۆپ تولۇقلانسا ، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇپلا قالماشتىن ، يەنە ئۇلاردا قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ ، بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بالىلارغا كالتىسىي تولۇقلاش مۇۋاپىق نىسبەتتە بولۇشى ، زىيادە كۆپ تولۇقلانماسلىقى كېرەككەن .
كالتىسىينىڭ زىيادە كۆپ تولۇقلىنىشى سەۋەبىدىن بەزى بالىلاردا ‹‹ چىرايى سەتلىشىپ كېتىش كېسەللىكى ›› ، ھاڭۋاقتى بولۇپ قېلىش ،پاناق بولۇپ قېلىش ، ئۈستۈنكى كالپۇكى توم بولۇش ، بۇرۇن تۆشۈكى يۇقىرىغا قارايدىغان بولۇپ قېلىش ، ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقى كېڭىيىپ كېتىشتەك نورمالسىز ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، ھەتتا ئورۇقلاپ كېتىش ، زېھنى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ .
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئالتە ئايلىق بولمىغان بوۋاقلار ھەر كۈنى 300 مىللىگىرام كالتىسىيغا ، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلار ھەر كۈنى 400 مىللىيگىرام كالتىسىيغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . بۇ نورمال بوۋاقنىڭ ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان كالتىسىي مىقدارىنى تامامەن قامدىيالايدۇ .