‹‹ كۈن ئولتۇرۇش›› ئۇنىۋېرسال كېسىلى بەزى ياشانغان كىشلەرنىڭ كەچقۇرۇندا توساتتىن گاڭگىراپ ئۆيىنى تاپالماسلىق ، ئۆي مەنزىلى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمەسلىك قاتارلىق ئەس–ھۇشى جايىدا بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ
بۇ كېسەل چوڭ مېڭىگە جىددىي خاراكتېرلىك قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ كېسەل كۆپىنچە ناماز شامدا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا ، ‹‹ كۈن ئولتۇرۇش›› ئۇنىۋېرسال كېسىلى ، دەپ ئاتالغان .
ياشانغانلارد ھېسسىي توسالغۇ پەيدا بولۇش چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى . بۇ مەلۇم كېسەل ، مەسلەن ، يۈرەك كېسىلى ، سەكتە ياكى ئۆپكە ياللۇغى قوزغالغانلىقنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ، ياشانغانلاردا ‹‹ گاڭگىراپ قېلىش›› ئەھۋالى كۆرۈلگەندە چوقۇم ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇنىڭغا سەل قارىماي ، بىمارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىش كېرەك . ئادەتتە مۇۋاپىق داۋالىنىپ ، ئارام ئالسا 2–3 كۈندىلا ساقىيىپ كېتىدۇ .
پولات ئامانيار تەرجىمىسى