ئادەتتە ياشانغانلار زۇكامداپ قىززىپ قالغاندا بېشى ئاغرىغاندىن باشقا ، يېقىن ئورگانىزىملىرىدىكىكېسەللىك تەسىرىدىن ۋە چوڭ مېڭە كەلتۈرۈپچىقارغان باشقا سەۋەبلەردىن تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىسا ، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ
جىددىي خاراكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ، بۇ كېسەللىك جىددىي خاراكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى ، قان بېسىمى بوھرانى ۋە يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە باش قاتتىق ئاغرىيدۇ ، دائىم ھوشسىزلىنىش ، قۇلاق ئاڭلىماسلىق ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش ، يۈرەك سىقىلىش ، كۆزى تورلىشىش ھەتتا موسكۇللار كۈچسىزلىنىپ ئويۇشۇش ، روھى ھالىتى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆسمە تەن ھۈجەيرىسى كىچىك ، ئورۇن ئېففىكتى روشەن بولمىغاچقا كۆپ ھاللاردا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ . ئەمما مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسىدە ، ئۆسمە يېرىلىپ قان چىققاندا ، كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي ئېغىرلاپ ، ئالدى بىلەن باش ئاغرىپ ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ ، ئاندىنھوشسىزلىنىش ، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .