ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىيازدا بوۋاقلارنى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن قانداق ساقلايمىز؟

يازدا بوۋاقلارنى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن قانداق ساقلايمىز؟

يازدا بوۋاقلارنى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن قانداق ساقلايمىز؟ – ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن مۇھىم قوللانما

ياز پەسلى ئۆزىنىڭ پارلاق قۇياشى ۋە ئىللىق ھاۋاسى بىلەن كۆپچىلىككە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، بۇ پەسىلدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلاردا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش خەۋپىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار چوڭلارغا قارىغاندا ئىسسىققا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەزگىلدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ماقالىدە، بوۋاقلارنى يازدىكى ئىسسىقتىن قانداق ئۈنۈملۈك قوغداش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

يازدا بوۋاقلارنى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن قانداق ساقلايمىز؟

 

1. بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن ئىسسىققا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ؟

  • بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز: بوۋاقلارنىڭ تەر بەزلىرى تولۇق يېتىلمىگەن، شۇڭا ئۇلار تەرلەش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولمايدۇ.
  • بەدەن يۈزى كۆلىمىنىڭ نىسبىتى چوڭ: بەدەن ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، بوۋاقلارنىڭ بەدەن يۈزى كۆلىمى چوڭ بولۇپ، تاشقى مۇھىتتىكى ئىسسىقلىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ ۋە بەدىنىدىكى سۇنى تېرىدىن ئۇدۇللا تېز يوقىتىدۇ.
  • ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەن: ئۇلار قىزىغانلىقىنى ياكى ئۇسسىغانلىقىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىتىشىگە تايىنىدۇ.

 

2. ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان مۇھىم تەدبىرلەر

1)  مۇھىتنى سالقىن تۇتۇش

  • ئۆي ئىچىدە قېلىش: كۈننىڭ ئەڭ ئىسسىق ۋاقتىدا (ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 گىچە) بوۋاقنى ئېلىپ سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىڭ.
  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىش: ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى 24-26 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلاشقا تىرىشىڭ. لېكىن، سوغۇق ھاۋانىڭ بىۋاسىتە بوۋاققا ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىڭ. شامالدۇرغۇچنىمۇ بوۋاققا بىۋاسىتە توغرىلىماي، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىڭ. ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى ساقلىيالايدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا تېخىمۇ ياخشى.
  • پەردىلەرنى تارتىپ قويۇش: كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان دېرىزىلەرنىڭ پەردىسىنى تارتىپ قويۇپ، ئۆينىڭ قىزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
  • سالقىن سۇدا يۇيۇندۇرۇش: كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم سالقىنراق (ئىللىقتىن سەل تۆۋەن، ئەمما مۇزدەك ئەمەس) سۇدا يۇيۇندۇرۇپ بەرسىڭىز، بوۋاقنىڭ بەدىنىنى سالقىنلىتىپ، راھەتلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 

2)  مۇۋاپىق كىيىندۈرۈش 

  • يېنىك، كەڭرى، ھاۋا ئۆتىدىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈڭ. ساپ پاختىدىن تىكىلگەن، ئوچۇق رەڭلىك (ئاق، سېرىق دېگەندەك) كىيىملەر ئەڭ ياخشى تاللاش.
  • قۇياش نۇرىدىن ساقلاڭ. سىرتقا چىققاندا چوقۇم كەڭ قىرلىق قالپاق كىيگۈزۈڭ ۋە ئۇزۇن يەڭلىك، نېپىز كىيىملەر بىلەن بەدىنىنى قۇياش نۇرىدىن قوغداڭ.

 

3)  بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە سۇيۇقلۇق تولۇقلاش – ئەڭ ھالقىلىق نۇقتا!

بۇ نۇقتا بوۋاقنىڭ يېشىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ:

  • 6 ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلار:
    • بۇ ياشتىكى بوۋاقلارغا قوشۇمچە سۇ ئىچۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق! ئۇلارغا كېرەكلىك بارلىق سۇيۇقلۇق ئانا سۈتى ياكى بوۋاقلارغا مۇناسىپ بولغان سۈت پاراشوكى ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ. ئىسسىق ھاۋادا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى تەبىئىي ھالدا كۆپىيىدۇ. سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش – بوۋاقنى ئىلگىرىكىدىن كۆپرەك ۋە قىسقا ئارىلىقتا كۆپ ئېمىتىش. ئەمما ، قوشۇمچە سۇ ئىچۈرۈش ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سۇدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا قوشۇمچە سۇ ئىچۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
  • 6 ئايلىقتىن چوڭ بوۋاقلار:
    • بۇ ياشتىكى بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىك يېيىشكە باشلىغان بولىدۇ. ئانا سۈتى ياكى قۇرۇق سۈتتىن باشقا، تاماق ئارىلىقىدا ئاز مىقداردا قاينىتىپ سوۋۇتۇلغان سۇ بېرىپ تۇرۇڭ.
    • كۈنىگە قانچىلىك قوشۇمچە سۇ ئىچۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۆلچىمى يوق، ئەمما ھەر قېتىمدا بىر نەچچە يۇتۇمدىن ئارتۇق زورلاپ ئىچۈرمەڭ. مەقسەت ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش. بوۋاقنىڭ كىچىك تەرىتىنىڭ رەڭگىنى كۆزىتىڭ، سۇس سېرىق رەڭدە بولسا، بەدىنىدە سۇ يېتەرلىك دېگەنلىكتۇر. قۇيۇق سېرىق ياكى سۆسۈن رەڭ كۆرسىڭىز، دېمەك بوۋاقتا سۇ يېتىشمەي قېلىپتۇ.

4)  ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ھەرگىزمۇ، ھەرگىزمۇ بوۋاقنى ماشىنا ئىچىدە يالغۇز قالدۇرماڭ!!!! ھاۋا سالقىندەك تۇيۇلغان تەقدىردىمۇ، توختىتىلغان ماشىنا ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا بىر نەچچە مىنۇتتىلا ئادەم ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىدۇ.
  • بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىشلەتكەندە: ھارۋىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ھارۋىنى قېلىن ئەدىيال ياكى لۆڭگە بىلەن پۈتۈنلەي يېپىۋالماڭ، بۇ ھاۋا ئايلىنىشنى توسۇپ، ئىچىنى «پارنىك» قىلىپ قويىدۇ.

3. ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالامەتلىرى ۋە جىددىي چارىلەر

ئەگەر تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

  • يۇقىرى قىزىتما (38℃ دىن يۇقىرى)، ئەمما تەرلىمەسلىك.
  • تېرىسى قىپ-قىزىل، قۇرغاق ۋە ئوتتەك ئىسسىق بولۇش.
  • نەپىسى قىستاش، يۈرىكى تېز سېلىش.
  • ھوشسىزلىنىش، روھسىزلىنىش ياكى ئىنتايىن بىئارام بولۇش.
  • قۇسۇش.
  • كىچىك تەرىتىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىش (مەسىلەن، 6-8 سائەتكىچە تەرەتلىكى قۇرۇق تۇرسا).

 

جىددىي ئەھۋالدا نېمە قىلىش كېرەك؟

  1. بوۋاقنى دەرھال سالقىن جايغا يۆتكەڭ.
  2. ئارتۇقچە كىيىملىرىنى سالدۇرۇڭ.
  3. بەدىنىنى ئىللىقراق سۇ بىلەن يېنىك سۈرتۈپ، تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىڭ (مۇزدەك سۇ ئىشلەتمەڭ).
  4. دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا ئۇرۇڭ ياكى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپىرىڭ.

ياز پەسلىدە بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە كۆزىتىشى ۋە ئىلمىي تەدبىرلىرىگە باغلىق. بوۋىقىڭىزنى سالقىن مۇھىتتا تۇتۇش، مۇۋاپىق كىيىندۈرۈش، يېشىغا ماس ھالدا سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ۋە ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئارقىلىق، بالىڭىزنىڭ يازنى ساغلام ۋە خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلالايسىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
4
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-07-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-07-11 / 07:51:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ