يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۈت ئىچىش قېتىم سانى بوۋاقلارنى بېقىشتىكى بىر مۇھىم مەسىلە، چۈنكى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. نورمالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ سىغىمچانلىقى بىر قەدەر كىچىك، ئۆسۈشى تېز بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېمىتىش قېتىم سانى ۋە ھەر قېتىملىق ئېمىتىش مىقدارى بوۋاقنىڭ يېشى، بەدەن ئېغىرلىقى، ئىشتىھاسى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.
1. ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش رېتىمى :
ئانا سۈتى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكى بولۇپ، تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇق ۋە ئىممۇنىتېتلىق قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئادەتتە ھەر 2 − 3 سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىلىدۇ، پۈتۈن كۈن تەخمىنەن 8 − 12 قېتىم ئېمىتىلىدۇ. چۈنكى، ئانا سۈتىنىڭ ھەزىم قىلىنىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىنىڭ سىغىمچانلىقى ئاران 20 ~ 60 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
تۇغۇلغان تۇنجى ھەپتىسى : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق يېڭى تۇغۇلۇشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاشقازىنىنىڭ سىغىمچانلىقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئوغۇز سۈتى ( ئانىدىن تۇنجى قېتىم كەلگەن، سارغۇچراق رەڭدە بولغان تەركىبىدە ئانتىتېلا مول بولغان ئانا سۈتى ) ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەر 1.5 ~ 2 سائەتتە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 مىنۇت ئېمىشى مۇمكىن.
ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە : بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قېتىملىق قوبۇل قىلىش مىقدارى ئاشسا، ئېمىتىش ئارىلىقى سەل ئۇزىراپ، ئادەتتە 2-3 سائەت بىر بولىدۇ. لېكىن يەنىلا ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنى بوۋاقلاردا قورسىقى ئېچىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئېمىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
2. تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن ئېمىتىش رىتىمى :
ئانا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا، تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنىڭ ئاشقازان ئۈچەيدە ھەزىم بولۇش ۋاقتى سەل ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاندا، ئوزۇقلىنىش قېتىم سانى ئادەتتە ھەر 3 − 4 سائەتتە بىر قېتىم، پۈتۈن كۈندە تەخمىنەن 6 − 8 قېتىم بولىدۇ.
تۇغۇلۇپ بىر ئايغىچە : ھەر كۈنى 6 – 8 قېتىم، ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 60 – 90 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئىشتىھاسىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا ئاچلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇددەتتىن بۇرۇن ئېمىتسە بولىدۇ.
3. بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچقان-ئاچمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
بوۋاقلاردا ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاچلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ:
بارمىقىنى ياكى مۇشتۇمىنى شوراش.
بېشىنى ئوڭ سولغا بۇراپ ، ئاغزىنى ئېچىپ ، ھەر تەرەپتىن ئەمچەك توپچىسى ياكى سۈت بوتۇلكىسىنى ئىزدەش.
ھەرىكىتى جىددىي ياكى خاتىرجەمسىزلىك، تاقەتسىزلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
4. كېچىدە ئېمىتىش قانداق بولىدۇ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ئېيىدا، كېچىدە ئېمىتىش ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ سىغىمچانلىقى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، كېچىدىمۇ ھەر 2 – 4 سائەتتە بىر قېتىم ئوزۇقلاندۇرۇشى مۇمكىن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ كېچىدە ئېمىتىش قېتىم سانى ئادەتتە تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
5. قاچان ئېمىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك؟
بوۋاقلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ 2-3 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئېمىتىش قېتىم سانى ئادەتتە ئازىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقلارنىڭ بىر قېتىملىق قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ، ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىقى تېخىمۇ چوڭىيىپ، تويۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىيالايدۇ. تەخمىنەن 4 ~ 6 ئايلىق بولغاندا، قىسمەن بوۋاقلار كېچىدە ئېمىشنى تەدرىجىي ئازايتىشى ياكى توختىتىشى مۇمكىن.
6. بوۋاقلارنى ئېمىتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىش : مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ياكى تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىش بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېقىش، ھەرگىزمۇ مۇقىم ۋاقىت جەدۋىلىگە ئەمەل قىلىش ئەمەس.
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى : ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بوۋاقلارنىڭ يېتەرلىك سۈت قوبۇل قىلغان – قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
چوڭ – كىچىك تەرەت ئەھۋالى : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسى ھەر كۈنى 6 – 8 قېتىم نەملىشى (كىچىك تەرەت قىلىشى) ھەمدە 1 – 3 قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك، بۇمۇ ئۇلارنىڭ يېتەرلىك سۈت قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېمىش قېتىم سانى ئۇلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئاساسەن جانلىق تەڭشىلىدۇ، ئاتا – ئانىلار بوۋاقنىڭ ئاچلىق ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، بوۋاقنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.