ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئاياللار كىسەللىكى ئۈچۈن يىڭى ئاددىي رېتسېپلار

ئاياللار كىسەللىكى ئۈچۈن يىڭى ئاددىي رېتسېپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

خۇن تەۋرەش(ھەيز مىقدارى بەك كۆپ بولۇش). قېرىن قۇلاقتىن 100 گىرامنى قۇرۇق قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 15 گىرام قارا شېكەر قوشۇپ، ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ(بۇنى ھەيز مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك).

بالىياتقۇ قاناش(ھەيز كەلمىگەن ياكى بالىياتقۇ گۆش ئۆسمىسى بولمىغان ئەھۋاللاردا). غاز پېيىدىن بىرنەچچە تالنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، كۈندە بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا يېرىم قوشۇق سېرىق ھاراق بىلەن ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى يەللىكى. گۈلبوغۇندىن 25 گىرام، سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 30 گىرام، مامكاپتىن 30 گىرامنى قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئىككى ھەپتە ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.

ئاق خۇن. بىر دانە يەرلىك يېڭى تۇخۇمدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىپ يەتتە تال ئاقمۇچنى ئىچىگە سېلىپ، قەغەز بىلەن ئوراپ، ھوردا پىشۇرغاندىن كېيىن كۈنىگە بىر قېتىمدىن بەش كۈن ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.

دوۋساق يەللىكى. سەركىچۆپ يىلتىزى ۋە مامكاپنىڭ ھەرقايسىسىدىن 100 گىرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىچسە، ئۇنى ئىككى كۈن داۋاملاشتۇرسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.

بويىدىن ئاجراپ كېتىش. ئېۋكومىيە قوۋزىقىدىن 30 گىرامنى جىن كېۋىزى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ يۇمشىتىپ، سۇ قوشۇپ ئۇماچ قىلىپ، كىندىكىگە چېپىپ بەرسە بىر ھەپتىدە كېسەل شىپا تاپىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىق. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال غولپىياز ئېقىدىن 50 گىرامنى ئاق شېكەرگە مىلاپ يېسە، ئۇيقۇ تېز كېلىدۇ.

چاچ چۈشۈش. ئاۋۋال ئۈجمە يوپۇرمىقى سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇيۇپ، ئاندىن زەنجىۋىل سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇسا يېڭىدىن چاچ چىقىدۇ.

مېتال يۇتۇۋېلىش. مېتال يۇتۇۋالغاندا بىر يېرىم جىڭ ئەتراپىدىكى يېڭى كۈدە(جۈسەي) نى پاكىز يۇيۇپ، قازاندا قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ياغ، تۇز قوشۇپ بىر قېتىمدا يەۋەتسە، ئىككىنچى كۈنى ئۇ چوڭ تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىدۇ(كۈدىنى يەپ بولغاندىن كېيىن باشقا نەرسىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ

مەنبە : رېتسېپلار قامۇسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-10 / 07:07:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ