ئانا سەھىپەساغلاملىقئورۇقلاشيەتتە كۈندە يەتتە خىل ھەرىكەتنى ئىشلەپ تۇرۇش مېڭىگە ۋە ئورۇقلاشقا پايدىلىق

يەتتە كۈندە يەتتە خىل ھەرىكەتنى ئىشلەپ تۇرۇش مېڭىگە ۋە ئورۇقلاشقا پايدىلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

چېنىققاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق ساقلىغىلى بولۇپلا قالماي ، بەلكى مېڭىنى چېنىقتۇرغىلى ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلىغىلى ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى > نى ئوتتۇرىغا قويدى

دۈشەنبە :باغچىنى ئايلىنىش . ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، داۋاملىق باغچىغا بېرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارمايدىغانلارنىڭكىدىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن . تەبىئىي مۇھىتنىڭ بەدەننى تىنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن .

سەيشەنبە :يەل گۇمپىسى ئويناش . بۇ ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلاشقا ،يەنى چوڭ مېڭىنى قوغداشقا پايدىلىق . داۋاملىق يەل گۇمپىسىنى مەشىق قىلىپ تۇرىدىغان 50-60 ياشلىق كىشىلەرنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى 25 -30 ياشلىق كىشىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن .

چارشەنبە :يۈگۈرۈش . داۋاملىق يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغانلارنىڭ يېڭى سۆزلەرنى ئەستە ساقلاش سۈرئىتى چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا %20 تېز بولىدىكەن . يەنى يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە تىل ئۆگىنىشكە مەسئۇل چوڭ مېڭە رايونىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن .

پەيشەنبە : ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى ، پىيادە مېڭىشنى ۋە بەدەن تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش . بۇ خىلدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قابىلىيىتى يېرىم يىلدىن كېيىن تەخمىنەن %13 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن . ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن .

جۈمە : بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ ، بىر تەرەپتىن توپ تاشلاش . ئىسپاتلىنىشىچە ، سەكرەش ، گارغا توپ تاشلاش ۋە توپ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى 10 مىنۇت ئىچىدە تاماملاپ بولالايدىغان ياش _ ئۆسمۈرلەرنىڭ كېلەركى سائەتتىكى دەرسلەردە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن . ياشنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ دىققەت كۈچىنى كونترول قىلىش رايونلىرىنى قوزغىتىدىكەن .

شەنبە : دوستلار بىلەن پاراڭلاشقاچ ، ئاستا يۈگۈرۈپ بېرىش .

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ ئاياللارنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارنىڭكىدىن % 26 تۆۋەن بولىدىكەن .

يەكشەنبە : كۆزنى يۇمۇپ ، تەڭپۇقلۇقنى ساقلاشنى مەشىق قىلىش . ئىككى كۆزىنى يۇمۇپ، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغاندا ، چوڭ مېڭە پۈتۈن بەدەن ۋە بوغۇملاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا تايىنىپ بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى تەڭشەيدىكەن ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ چېنىقتۇرغىلى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:30:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ