ئەگەر ئانىڭىز ياكى مومىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولسا ، سىز چوقۇم سەزگۈرلۈكىڭىزنى ئاشۇرۇپ ، بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىڭ

ئۆپكە راكى : ئۆپكە راكى بولغانلار ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %10 ئادەمدە ئىرسىيەتلىكنى ھازىرلىغان بولۇپ ، ئانا ياكى ئاچا-سىڭىلنىڭ ئىچىدە بىرى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان بولسا ، پەرزەنتلەرگە ئىرسىيەتقالدۇرۇش نىسبىتى ئۆپكە راكى بولغان ئەرلەرنىڭكىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن.
مەسلىھەت : تەرتىپ بويىچە چېنىقىپ تۇرۇش . تۆۋەن ياغ تەركىبلىك ، تەركىبدە مول تالا بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك . 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، ھەر يىلى كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگىنگە سېلىپ تەكشۈرتۈش لازىم.
يۈرەك كېسەللىكى : ئەگەر ئانىڭىزدا 65 ياشتىنبۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ باققان بولسا ، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە سىزدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
مەسلىھەت : زىلۋا بەدەننى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، تاماكىدىن پەرھىز تۇتۇش ، يۇقىرى ياغ تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش ، 35 ياشتىن كېيىن دائىم قان بېسىمىنىۋە خولېستېرىن مىقدارىنى ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم.
ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش : خانىم-قىزلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئانىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەن شەكلىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ زىچ بولۇپ ، سەمىرىپ كەتكۈچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىرسىيەت ئېلىمىنتى %25ـــ%40كىچە بولىدىكەن.
مەسلىھەت : ياغلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كونتىرول قىلىپ ، تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىشكېرەك.
قۇرامىغا يەتكەنلەردە بولىدىغانII تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى : بۇ كېسەللىك ئادەتتە 40 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن كۆرۈلىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك . تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، %20 ـــ %40 كىچە بولغان پەرزەنتلەرگە بۇ كېسەللىك ئانىدىن ئىرسىيەت قالىدىكەن.
مەسلىھەت : بەدەننىڭ زىلۋالىقىنى ساقلاپ ، داۋاملىق چېنىقىپ بېرىش. 45 ياشتىن كېيىن ھەرئۈچ يىلدا بىر قېتىم دىيابىت كېسەللىكىنىدائىملىق تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قىينىلىش : ئانا بىلەن قىزنىڭ ئىرسىيىتى تۈپەيلىدىن ، داس سۆڭىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىد ۇ. ھامىلدارلىقتىكى قان بېسىمى ۋە ۋېنا تومۇرىنىڭ كېڭىيىشىمۇ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بولىدىكەن.
مەسلىھەت : ۋېنا تومۇرىنىڭ كېڭىيىشىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئەڭ تۆەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بەدەننىڭ زىلۋالىقىنى ساقلاش.
سۆڭەك شالاڭلىشىش : ئەگەر ئانىسى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا ، قىزىدا كۆمۈرچەكنىڭ كېسەل قوزغاش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئۇلاردا سۆڭەك سۇنۇش ،بېلى ئگىلىپ قېلىش ، دۈمچەكلىك ، ساغرا قىسمى يېرىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
ئاياللارنىڭ سۆڭىكىنىڭ سۈپىتى ۋە يوقاتقان سۆڭەك ماددىسى قەۋىتى ئۇلارنىڭ ئانىسنىڭ ئەھۋالىبىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.
مەسلىھەت : كالتىسىي ۋە ۋىتامىنC نى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سۈت ئىچىش، كالتىسىي تابلېتكىسى يېيىش ، ھەرىكەتقىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
خامۇشلۇق كېسىلى : كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولماسلىق كېسىلىنىڭ %10 ى ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەسلىھەت : ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ ، ھەرقانداق سىگىنالنى قويۇۋەتمەسلىك لازىم.مەسىلەن: كەيپىياتتا داۋالغۇش يۈز بېرىپ، يىغلاش دېگەندەك…ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلسەدەرھال پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈش كېرەك.