سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۇقىرى قان بېسىم تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ياشانغانلاردا بولىدىغان كېسەل دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بالىلاردىمۇ يۇقىرى قان بېسىم ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.
«جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلىرى 2019» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 190 مىڭ نەپەر 7-17 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %14.5كە يەتكەن، ئوغۇللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى %16.1، قىزلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى %12.9 بولغان. يەنە بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %18.4كە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار %20.2نى، قىزلار %16.3نى ئىگىلىگەن.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئادەمنى ئەنسىرىتىپ قويىدۇ، ئۇنداقتا زادى قانداق سەۋەبلەر بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. سېمىزلىك
سېمىزلىك بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمۇ ياخشىلاندى، نۇرغۇنلىغان بالىلار گۆش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قارا ئاشلىق، سەي-كۆكتات يېيىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ بالىلاردا ھەرىكەت ئاز، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئىرسىيەت ئامىلى
50% يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئائىلىسىدە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بار بولۇپ، ئىرسىيەت ئامىلىمۇ بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
3. روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش
بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمىغان ئارزۇلىرىنى بالىلىرىغا تاڭىدۇ، ئۇلارنى كېچە-كۈندۈز ئۆگىنىشكە، كىتاب ئوقۇشقا سالىدۇ، بۇنداق يۇقىرى بېسىم ئىچىدە تۇرغان بالىلار ئۇيقۇسىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەڭشەش، ئۇلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئەركىن بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/04/26423508.shtml