يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش – بارماسلىق ئاساسلىقى يارىلانغان كونكرېت ئەھۋالغا باغلىق. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئەھۋاللار، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن قاچان ۋەيا قايسى ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك؟
قاتتىق ئاغرىش : ئەگەر يارىلانغان ئورۇننىڭ ئاغرىقىغا چىدىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز ياكى ئاغرىق داۋاملىق ئېغىرلاشسا، بۇ بەلكىم سۆڭەك سۇنۇش ياكى ئېغىر قايرىلىپ كېتىش ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، تېزدىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ.
ئىششىق ۋە كۆك چۈشۈش : ئەگەر يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن يارىلانغان ئورۇندا روشەن ئىششىق ياكى كۆك چۈشۈش كۆرۈلسە، بولۇپمۇ قاتتىق ئاغرىش ئەگىشىپ كەلسە، بۇ ئادەتتە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ يارىلانغانلىقى ياكى سۆڭەك سۇنۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۆتكىگىلى بولماسلىق : ئەگەر يارىلانغان بىلەك، پۇت ياكى باشقا ئورۇنلار نورمال ھەرىكەت قىلالمىسا، ھەتتا قېتىپ قالغان ياكى بىئاراملىق ھېس قىلسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سۆڭەك سۇنۇش ياكى باشقا ئېغىر زەخىملىنىشنى تۈگىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
شەكلى ئۆزگىرىش : ئەگەر يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن يارىلانغان ئورۇننىڭ شەكلى روشەن ئۆزگەرسە، مەسىلەن، بوغۇمدا بىنورمال شەكىل كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم سۆڭەك سۇنۇش ياكى چىقىپ كېتىش بولۇشى مۇمكىن، دەرھال جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
قاناش : ئەگەر روشەن ئوچۇق يارا ئېغىزى ياكى قاناش بولسا، بولۇپمۇ چوڭقۇر يارا ئېغىزى بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يۇقۇملىنىش ياكى يەنىمۇ زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
باش قېيىش ياكى كۆڭلى ئېلىشىش : ئەگەر يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى ئېسىنى يوقىتىش ھېس قىلسا، باش قىسمى يارىلانغانلىق ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
يېشى چوڭلار، بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلار، ھامىلىدار ، ئېغىر كېسەللىكلىرى بولغانلار: يېشى چوڭ بىمارلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلىرى بولىدۇ، بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تېرىنىڭ سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇ سەۋەپلىك يىقىلغاندىن كېيىن بەزى سۇنۇش ياكى قاناش ئاغرىشنى ھىس قىلالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلار بولسا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، شۇڭا قاتتىقراق يىقىلىپ چۈشكەندە ۋە بولۇپمۇ بېشىنى ئۇرۇۋېلىپ ئۇرۇۋالمىغانلىقىغا جەزىم قىلالمىغاندا چوقۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ھامىلىدارلار ۋە ئېغىر كېسەللىكلىرى بولغان كىشىلەرمۇ قاتتىقراق يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئەگەر يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولسا، مەسىلەن، پەقەت يېنىك دەرىجىدە ئاغرىغان، قان ئۇيۇپ قالغان ياكى بىئارام بولغان بولسا، ئالدى بىلەن بىر مەزگىل كۆزىتىپ، مۇز تېڭىپ ۋە ئارام ئېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى 12 سائەت ئىچىدە ياخشىلانمىسا ياكى يۇقىرىقى ھەرقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.
يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېھتىياتچانلىق ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن، چۈنكى بەزى زەخمىلەر ئانچە روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا كەسپىي تەكشۈرۈش باھالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئامال بار ھەرقانداق بىئاراملىققا مانا ساقىيىپ قالار ئەنە ساقىيىپ قالار دەپ ئارقىغا سوزۇماسلىق ، سەل قارىماسلىق، ئۆزىنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.