1. كۆيگەن جايغا دەرھال كىرسىن تەگكۈزسىڭىز ئاغرىق ناھايتى تېزلا توختايدۇ ھەمدە قىزىرىپ ئىشىپ ، سۇلۇق قاپارتما چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
2. ئازراق تۇز سېلىنغان كالا سۈتىگە داكىنى چىلاپ كۆيگەن جايغا باسسىڭىز ، جاراھەت تېزلا يەڭگىللەيدۇ .
3. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) دىن ئىككى ئۈلۈش ، ئاق شېكەردىن بىر ئۈلۈش ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ كۆيگەن جايغا سۈركىسىڭىز جاراھەت ئوڭاي ساقىيىدۇ .
4 . كۆيۈپ يارىلانغاندا ئاپلېسىن شەربىتىنى جاراھەت ئۈستىگە سۈركىسىڭىز ، ئاغرىقنى پەسەيتىپ ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .