كۆكرەك قىسمىنى مىنۇتىغا 100 قېتىم بېسىش جىددىي قۇتقۇزغان ۋاقىتتا بىمارنى تۈز ياتقۇزۇپ ئاۋۋال كۆكرەك قىسمىنى بېسىش، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە كۆكرەكنى بېسىش بىلەن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا كۆكرەك قىسمىنى كۈچەپ تېزدىن بېسىش، بېسىش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىم بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ
يۈرەك بىلەن ئۆپكىنى ئويغىتىش
cardiopulmonary resuscitation
心肺复苏
يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندا تۆت مىنۇت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك، نەپىسى يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بىمارلار ئەگەر كېسەل قوزغىلىپ تۆت مىنۇت ئىچىدە ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزىۋېلىنسا ئەسلىگە كېلىش نىسبىتىنى %50 گە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئەگەر يۈرەك توختىشى تۆت مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندا پەقەت 1:4 بىمارلارنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ .
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە بىر سائەت ئىچىدە ئېرىتىش كېرەك. جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېرىتىش پەيتى ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولۇپ، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، ئەگەر 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك .
مېڭە – قان تومۇر توسۇلغان ۋاقىتتا ئالتە سائەت ئىچىدە داۋالاش ئەڭ ياخشى تېببىي ساھەدە مېڭە – قان تومۇر توسۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئالتە سائەت ئىچىدە داۋالاش ئەڭ ياخشى پەيت (ياكى تۆت سائەت) دەپ قارايمىز، بۇ ۋاقىتتا بىمارغا نىسبەتەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، كۆپ قىسىم بىمارلار خەۋپ – خەتەردىن ئامان –ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.