1)تەمرى ھىندى ياكى قارىئۆرۈكتىن ئىككى سەر ، ئەينۇلا ياكى ئامۇت قېقىدىن ئىككى سەرنى ئاخشىمى بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ بىر كېچە توختىتىپ ، ئەتىگىنى ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قېتىمدىلا ئىچىشنى داۋام قىلسا ، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ ، بەدەننىڭ ۋە يۈرەكنىڭ مىجەزىنى نورمال ھالغا كەلتۈرىدۇ .
2) زاراڭزا چېچىكى ، ئاق شېكەر ، ھەسەلنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، زاراڭزا چېچىكى بىلەن شېكەر تالقانلاپ ، ھەسەلنى ئېرىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، تالقان دورىنى ھەسەل ئۈستىگە تۆكۈپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ، چوڭلارغا كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا چوڭراق چىلاندەكتىن ، كىچىك بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ بېرىشنى داۋام قىلسا ، يۈرەك قوزغىلىپ ئېگىز – پەس سېلىش ، قىزىل تومۇر قېتىش قاتارلىق يۈرەك ساھەسىدىكى ئىللەتلەرگە تولۇق مەنپەئەت قىلىدۇ .
3) بادرەنجى بۇيىدىن ئۈچ يېرىم سەرنى ئىككى چىنە قايناقسۇغا بىر كېچە دەملەپ ، ئەتىسى بىر يېرىم چىنە سۈيى قالغۇچە ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، ئاندىن ئالتە سەر شېكەر سېلىپ يەڭگىل ئوتتا قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، شېشىگە ئېلىپ قويۇپ ، چوڭ كىشىلەر ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، يۈرەك ئاجىزلىقى ۋە يۈرەكنىڭ قوزغىلىشىنى دەپئى قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
4) بىر جىڭ زىرە يېغىنى تۆت يېرىم چىنە سۇغا بىر كېچە دەملەپ قويۇپ ، ئەتىسى قازانغا قۇيۇپ ئۈچ يېرىم چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، زىرە تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا سۈزۈپ ، ئاندىن ئۈستىگە ئىككى جىڭ شېكەر تۆكۈپ يەڭگىل ئوتتا بىر قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، شېشىگە قاچىلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، قانغا ئارىلىشىپ قالغان سەپرانى تازىلاش ۋە ھارارەتنى پەسەيتىپ يۈرەك قوزغىلىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .
5) يېرىم قوشۇق ياخشى ئەترىگە چاقماق قەنتتىن بىر ئاز ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ ، ھەر كۈنى ناشتىدىن بۇرۇن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، يۈرەكنىڭ ئاجىزلىقى ۋە يۈرەك قوزغىلىشنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
6) تاتلىق ئانار سۈيىدىن ئىككى سەر ، ئاچچىق ئانار سۈيىدىن ئالتە سەرنى يەڭگىل ئوتتا ئىككى قېتىم قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈپ ، ئاندىن ئۈستىگە ئىككى يېرىم جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەڭگىل ئوتتا قىيام قىلىپ ، بىر يېرىم قوشۇققىچە كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشنى داۋام قىلسا ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، قان كۆپەيتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .
7) توققۇز سەر گاۋزىبان ، ئۈچ سەر قىزىلگۈلنى ئۈچ جىڭ سۇغا بىر كېچە چىلاپ ، ئەتىسى ئىككى چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، ئاندىن گاۋزىبان تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ ، پاكىز رەخت بىلەن سىقىپ ، چىققان سۈيىنى قازاندىكى دورىغا ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم سۈزۈپ ، 10 سەر قەنتنى سېلىپ يەڭگىل ئوتتا قىيام قىلىپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىردىن بىر يېرىم قوشۇققىچە ئىچىشنى داۋام قىلسا ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاشتا تېز ئۈنۈم بېرىدۇ .
8) ئۇرۇقلىرى ۋە پوستى ئېلىنغان تۆت جىڭ ئالمىنى تۆت پارچە قىلىپ توغراپ ، ئالتە جىڭ سۇدا قاينىتىپ ( سىرلىق كورىدا ) ، ئالما ئېزىلىپ بولغاندا تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا سۈزۈپ ، ئاندىن ئىككى جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەڭگىل ئوتتا قىيام قىلىپ ، سەككىز دانە تۇخۇمنى چالىراق ئىلىتىپ قىيامغا قوشۇپ يەنە قاينىتىپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، يۈرەك قوزغىلىش كېسەللىكىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىشتىن تاشقىرى ، ئەسەپ ( نېرۋا ) ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بولغان يۈرەك سىقىلىش كېسەللىكىگىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .