شوخلا، گۈل بىنەپشە، كاكنەچتىن 10 گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر قوشۇق جاڭيۇ بىلەن ئاغزىڭىزنى غار – غار قىلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا چايقىسىڭىز، گال ئاغرىقىدىن قۇتۇلىسىز.
يېڭى تۇخۇمدىن ئىككى تال، ئاق شېكەردىن 15 گرام، كۈنجۈت يېغىدىن بىر نەچچە تامچىنى ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىۋەتسە، گال ئاغرىقىغا شىپار بولىدۇ.
ئاق، كۆك تۇرۇپنى توغراپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن بىر سائەت قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا، گال قۇرۇشقا، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېغىز قۇرۇشۇپ، كۆكرەك ئىششىسا يېشىل چاينى قېنىق دەملەپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ئۈنۈمى بولىدۇ.