يوشۇرۇن دىيابېت كېسىلى ئادەتتە روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەگەر دىققەت قىلمىغاندا ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتى قولدىن كېتىدۇ. ناۋادا سىز يۆتىلىپ قالغانغا ئىككى ئايچە بولغان، ئابولاتورىيەلەردە داۋالاتسىڭىزمۇ ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمىغان بولسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈڭ، چۈنكى سىز ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ياكى يوشۇرۇن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر تىرە قىچىشىش، ۋە قۇرغاقلىشىش، ئېچىرقاش، چارچاش ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەنگە تەكرار چىيقان چىقىش، يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ئېنىق كۆرەلمەسلىك، توڭلاش، نەپەس سىقىلىش، سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بۇ خىل ئالامەتنىڭ سەۋەبنى ۋاقتىدا ئېنىقلاڭ ھەمدە ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.