سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن: «مەن بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بولۇپلا ئۇخلايمەن. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، سەككىز سائەت ئۇخلىسىلا تۈنەش ھېسابلانمايدىكەن. بىردەم ئويۇن ئوينىغاندىن كېيىن سەككىز سائەت ئۇخلىۋەتسەم ھېچ ئىش بولمايدۇ.» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
ئەمەلىيەتتە، «سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇ نەزەرىيەسى» توغرا ئەمەس!
1. «سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇ نەزەرىيەسى»گە ئالدانماڭ!
ئەمەلىيەتتە، سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئۇيقۇ فوندى جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكىلەرگە مۇنداق ئۇخلاش تەكلىپى بەردى:
(1) ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلار: 10 سائەتتىن يۇقىرى ئۇخلاش.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، نۇرغۇنلىغان قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردىكى ئۇخلىيالماسلىق مەسىلىسى كىچىك ۋاقتىدا ياخشى ئۇخلاش ئاىتىنى يېتىلدۈرمىگەنلىكتىن بولىدىكەن.
(2) 13-6 ياشقىچە بولغان بالىلار: 9-11 سائەتكىچە يېتەرلىك ئۇخلاش.
ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇنىڭ كەمچىل بولۇشى بالىلاردا ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيقۇنىڭ كەمچىل بولۇشىنى پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
(3) 17-14 ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈرلەر: 8-10 سائەتكىچە ئۇخلاش.
ئۇيقۇنىڭ كەمچىل بولۇشى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(4) 25-18 ياشقىچە بولغان ياشلار : 7-9 سائەتكىچە ئۇخلاش كېرەك.
ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار تېرە ناچارلىشىش، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(5) 64-26 ياشقىچە بولغان كىشىلەر: 7-9 سائەتكىچە ئۇخلاش كېرەك.
راكقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەردە ئۇيقۇ كەمچىل بولسا يۈرەك قان-تومۇر، خامۇشلۇق، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن.
(6) 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار: 8-7 سائەتكىچە ئۇخلاش.
ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئارام ئېلىش قانۇنىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، قالايمىقان دورا يېيىشتىن ساقلىنىش، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.
2. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلايدىغانلىقىنى، لېكىن ئويغانغاندىن كېيىن بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ قانداق ئىش؟
بەلكىم بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلاش تۈنىگەندىنمۇ بەكرەك زىيانلىق. ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكى ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيقۇ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىسا يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ بولمايدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىغاندا بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ، ياخشى ئارام ئالغىلى بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل بىئاراملىق كۆرۈلىدۇ.
3. تۈنەش كۆز ئەتراپى قارىداش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، بەدەندە ھەر خىل ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(1) تېرە ناچارلىشىش، چاچ چۈشۈش
ئۇزۇن ۋاقىت تۈنىگەندە، ئىچكى ئاجراتما ۋە نېرۋا سىستېمىسى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، تېرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، قۇرغاقلىشىش، ئېلاستىكلىقى ناچارلىشىش، تۇتۇق، نۇرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، تۈك خالتىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يېتىپ، كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(2) ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىش
تۈنىگۈچىلەرنىڭ نېرۋىسى كېچىدە ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ. كۈندۈزى روھسىزلىنىش، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
(3) بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش
تۈنەش بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇسكۇللارنى ئازايتىپ، ياغلارنىڭ كۆپىيىپ، بەدەنگە توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(4) تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
دائىم تۈنەيدىغان كىشىلەردە ئاسانلا ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق كەيپىيات پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(5) يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ
تۈنىگەندە ئىچكى ئەزالار ئارام ئالالمايدۇ، قان-تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى نورمالسىزلىشىدۇ، قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.
قانداق قىلغاندا ياخشى، سۈپەتلىك ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟
بىر ئۇخلاش ۋاقتىنى بېكىتىش.
مەسىلەن: چوقۇم كەچ سائەت 23:00دە ئۇخلايمەن دەپ نىشان بېكىتىش، بۇ نىشاننى تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش.
ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېتىۋېتىش.
ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېتىۋېتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن چىققان كۆك نۇر بىيولوگىيەلىك سائەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىشىنى تورمۇزلاپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇخلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى چىلاش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئىسسىق سۈت ئىچىش، يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەزى ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاسان ئۇخلايدىغان قاراڭغۇ مۇھىتنى يارىتىپ، تۈنەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
«سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇ نەزەرىيەسى» ياخشى ئۇخلاش ياخشى ئۇخلىيالماسلىقنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. ئەگەر سىز ئويغانغاندىن كېيىن كۈچ-قۇۋۋىتىڭىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ بىر يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئويغانغاندىن كېيىن روھسىز، جانسىز ھېس قىلسىڭىز ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشىڭىز ياكى قىسقارتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇدا ئۈچ ئاي ئۇخلاش توسالغۇسى پەيدا بولسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كۆزىتىپ، دەرھال تەڭشىشىڭىز كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19657361.shtml