جىگەر قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ جىگىرى 1 5 كىلوگرام قېلىدۇ جىگەرنىڭ فۇنكسىيىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :
ھەزىم قىلىش رولى : ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىدۇ . ئۆت سۇيۇقلۇقى ، ئاشقازان ئاستى بېزى ، ماي ئېنزىمنىڭ مايلارنى ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
زاپاس ئوزۇقلۇق ساقلايدۇ: جىگەر قاندىكى ئارتۇق گلۇكوزىنى گلىكوگېنگە ئايلاندۇرۇپ ، زاپاس ساقلايدۇ . قاندىكى گلۇكوزا سەرپ بولۇپ ئازايغان چاغدا گلىكوگېن يەنە گلۇكوزىغا ئايلىنىپ قانغا ئۆتىدۇ .
زەھەرسىزلەندۈرۈش رولى : ئىنچىكە ئۈچەيدە سۈمۈرۈلگەن بەزى زەھەرلىك ماددىلار قان ئېقىمىغا ئەگىشىپ جىگەرگە بارغاندا ، جىگەرنىڭ رولى بىلەن زەھەرسىز ماددىلارغا ئايلىنىپ ، بۆرەك ئارقىلىق سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ .