1-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالمايدۇ، بۇ ئادەتتە ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 1-تىپلىق دىيابېت كېسەللىكلىرى ئىنسۇلىنغا موھتاج، چۈنكى ئىنسۇلىن ئوزۇقلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىدە ۋە ساقلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنداق بىمارلار ناھايىتى ئورۇق كېلىدۇ. ئەگەر ئىنسۇلىن بولمىسا 1-2 كۈننىڭ ئىچىدە دىيابېتلىق ھوشسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئىلگىرى بۇ كېسەللىك IDDM دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر 1-تىپلىق دىيابېت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
2-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىدا كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېتەرلىك ئىنسۇلىن بولىدۇ، لېكىن بەدەن ئىنسۇلىندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. بۇ ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كېسىلى دېيىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان 2-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرى يېمەكلىكنى تەڭشەش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قان شېكىرىنى كونترول قىلىدۇ، بەزىلىرى دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونترول قىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ NIDDM دەپ ئاتىلاتتى. ھازىر 2-تىپلىق دىيابېت دەپ ئاتىلىدۇ.
2-تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان بىمارلار ئىنسۇلىننى ئىشلىتىشكە موھتاج بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلىدۇر.