زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىشى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى سىناپ كۆرگەندە، تىز ياكى يانپاش بوغۇمىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، نورمال زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئورۇندىيالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مۇسكۇل، سۆڭەك، نېرۋا ياكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەرب تېبابىتىدە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ سەۋەبىگە چوڭقۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم.
سەۋەبى:
1. مۇسكۇل مەسىلىسى:يوتىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مۇسكۇل ( يوتا تۆت باشلىق مۇسكۇلى ) ۋە يوتىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مۇسكۇل ( يېرىم پەي مۇسكۇلى ۋە يېرىم پەردە مۇسكۇلى ) ئەگەر زىيادە جىددىيلەشسە ياكى قىسقىراپ كەتسە، زوڭزىيىش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. سۆڭەك مەسىلىسى:مەسىلەن، تىز بوغۇم ياللۇغى، يانپاش بوغۇم ياللۇغى ياكى باشقا سۆڭەكنىڭ غەيرىيلىكى بوغۇم ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. نېرۋا مەسىلىسى:مەسىلەن، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش ياكى باشقا ئەتراپ نېرۋا كېسەللىكلىرى پۇتنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
4. يۇمشاق توقۇلمىلار مەسىلىسى:مەسىلەن، تارىمۇش زەخىملىنىش، پەي ياللۇغى ياكى باشقا يۇمشاق توقۇلمىلار ياللۇغى بوغۇم ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. باشقا سەۋەبلەر:مەسىلەن، سېمىزلىك، ئۇزۇن ۋاقىت ناچار قىياپەت، بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى قاتارلىقلارمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇر كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ، بەدەن تەكشۈرىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆزىتىدۇ.
2. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى ،MRI نۇرى ياكى CT نۇرى سۆڭەك ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى باھالاشقا ياردەم بېرىدۇ.
3. نېرۋىنى ئېلېكتروفىزىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش:مەسىلەن، نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى باھالىغىلى بولىدۇ.
4. بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسىنى ئۆلچەش:بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ۋە جانلىقلىقىنى باھالاش.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. فىزىكىلىق داۋالاش:ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە سوزۇش ئارقىلىق مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ، بوغۇملارنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
2. دورا بىلەن داۋالاش:مەسىلەن، رېتسېپسىز ئاغرىق توختىتىش دورىسى ياكى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئاغرىق ۋە ياللۇغنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
3. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:سۆڭەك ياكى يۇمشاق توقۇلمىلاردا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلسە، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.
4. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش:بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش، ئولتۇرۇش ھالىتى ۋە تۇرۇش ھالىتىنى ياخشىلاش، ئۇزۇن ۋاقىت ئوخشاش قىياپەتنى ساقلاشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.
5. باشقا داۋالاشلار:مەسىلەن، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، ئۇۋۇلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئەگەر سىز ياكى سىز تونۇيدىغان كىشىلەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تېزدىن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ تەپسىلىي دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.