ئاشقازان
Stomach
胃
Mide
ئادەم بەدىنىدىكى تاماقنى ئېزىپ پارچىلاپ ئۈچەيگە يوللايدىغان ئورگان.
ئاشقازاننىڭ شەكلى يىمەك ئىچمەككە تولغان ۋاقتى بىلەن تولمىغان ۋاقتىدىكى شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئىچى بوش ۋاقىتتا سەل شىلەڭكىگە ئوخشاپراق قالىدۇ. تولغان چاغدا پومپىيىپ ئىككى بېشى چىگىلگەن ھاۋاغا تولغان شارغا يېقىن ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.
بىز تاماقلارنى ئاساسەن مۇشۇ يەردە ئېرىتىمىز. ئەمما تاماقلارنىڭ پايدىلىق قىسملىرىنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. يىمكەلىكلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئاشقازان بەزى كىسلاتالارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئورگانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇقلار ئاشقازانغا كېلىپ، يىمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئادەتتە يىمەكلەر، ئىچىملىكلەر ئاشقازاندا 4-6 سائەتقىچە قېلىپ، بۇ ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئاندىن ئاستا ئاستا ئىنچىكە ئۈچەيگە قاراپ ماڭىدۇ.
ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ: