ھەرىكەت قىلىش ھەقىقەتەنمۇ خاسىيەتلىك ۋە شىپاللىق، ئىشەنچىلىك، ئۈنۈمى تېز ۋە يۇقىرى بولغان، پۇل كەتمەيدىغان، شارائىت تاللىمايدىغان كىچىكتىن چوڭغىچە ھەممە كىشى ئىرشەلەيدىغان ياخشى دورا
ئادەم ئەگەر ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆمرىنى ئۇزارتماقچى بۇلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي دائىم ھەركەت قىلىشى، پىيادە مېڭىشى، ئاستا ئۇزۇنغا يۈگرىشى، ماشنىدا ئىمكانقەدەر ئاز ئولتۇرشى لازىم.
ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشتا تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدىن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مەلۇم بىر تۈرنى تاللىۋېلىپ، شۇ تۈر بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مۇھىم سىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دائىم مىدىرلاپ تۇرۇش، دائىم ھەركەت قىلىش- ھەرىكەت ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان ھەققى ئىشەنچىلىك دورا. ھۇرۇنلۇق، ئېرىنچەكلىك، راھەتپەرەسلىك، تولا ھاللاردا يېتىۋېلىش، تېلىۋىزور ئالدىدا سائەتلەپ ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىش، ھەركەتتىن زېرىكىش ساغلاملىقنىڭ چوڭ دۈشمىندۇر.
<<ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجرىبىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى