ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ۋاسكېتبول ئوينىغانلارنىڭ تېنى ساغلام، زېھنى ئوچۇق، جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ چېكىنىشى ئاستا بولۇپ، ۋاسكېتبول ئويناشنىڭ ھەرخىل كېسەللەرگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىسى بار

ياشلار – ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول ئويناپ تۇرسا سۆڭەك تەركىبىدىكى قان ئايلىنىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلىغىلى، سۆڭەكنىڭ چۈرۈكلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، قان تەركىبىدىكى ياغنى ئازلىتىپ، سۆڭەكنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، يۈرەك موسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ ئېلاستىكىچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرى ۋە نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

چۈنكى، ۋاسكېتبول ئويناش نورمال ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم بولۇشى، نورمال شۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا كاپالەتلىك قىلغىلى، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ئالىدۇ. نېرۋا نورمال پائالىيەت قىلىپ، پۈتۈن ئورگانىزمنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

ياشلىق – ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي يېتىلىۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا، ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيىتى، شەرتلىك رېفلېكىس تېز ھاسىل بولىدىغان باسقۇچ، ئۇلار ۋاسكېتبول ھەرىكىتىدىكى مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدۇ. 13 – 16 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سۆڭىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سۆڭەك تەركىبىدە ياشلارغا قارىغاندا يىلىمسىمان ماددا كۆپ، كالتسىي ماددىسى ئاز، سۆڭىكى تېخى قاتمىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسا، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ۋاسكېتبول مەشىقى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناپ، بوغۇم، مۇسكۇل، پەي، ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي جەھەتتىكى تەرەققىياتنىمۇ تېزلىتىدۇ.

ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ۋاسكېتبول مەشىقىنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەربىيىلەش، مۇسابىقىلەر ئارقىلىق دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش، ئۆگىنىش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:29:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ