تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدا (ساغلىق ئوجاغى) بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش توغرىسىدا ئۇچۇرلار
#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر
تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدا (ساغلىق ئوجاغى) بوۋاق بالىلارغا جەمئىي قانچە قېتىم ۋاكسىنا ئەملەيدۇ؟ قايسى ۋاكسىنىلارنى ئەملەيدۇ؟ ئەملەش شەرتمۇ؟
00:00 باشلىنىش
00:05 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدا (ساغلىق ئوجاغى) بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش توغرىسىدا ئۇچۇرلار
04:25 ئاياقلىشىش
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!
بالىلار يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 1 ياشقا كىرگىچە ئالدى كەينى 7-8 قېتىم بەدەن ئۆسۈپ يېتىلىش تەكشۈرۈش، 6-7 قېتىمغىچە ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ. ھەر قېتىم كېلىپ ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ بوي ئۇزۇنلۇقى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچىلىنىدۇ، ھەم ئاتا ئانىسىغا چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەگەر سېستىرا بۇ بوۋاقنىڭ بوي ئۇزۇنلۇقىدا ۋەيا ئېغىرلىقىدا مەسىلە بارلىقىدا شۈبھىلەنسە، دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، بوۋاقنىڭ ئاتا ئانىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر ۋەيا كېرەكلىك دورىلار بېرىلىدۇ.
بالىنىڭ ئىقامىتى ۋەياكى ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغان قەغىزى بولسا، ئاپىسى تىزىملاتقان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە يۇقارىدا تىلغا ئالغان ۋاكسىنا ئەملەش، ئېغىرلىق بوي ئىگىزلىكى ئۆلچەش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەگەر بوۋاقنىڭ ياكى ئاپىسىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئىقامىتى بولمىسا، شۇ رايوننىڭ (مەسىلەن ئاۋجىلار) گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى) غا بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ ۋە ئېغىرلىقى، ئىگىزلىكى ئۆلچىلىدۇ. ئەگەر شۇ رايوننىڭ گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى بولمىسا، مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى دوختۇر سېستىرالارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈسە شۇلار يول كۆرسىتىدۇ. (بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ۋاكسىنا ئەملەپ، بوي ئىگىزلىكى، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ قويىدۇ، چۈنكى بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىنى بىرىنجى ئورۇندا قويۇش لازىم)