تېرە ( deri veya cilt, skin, 皮肤 )
تېرە – بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ئورگان ھىساپلىنىدۇ. تېرىنىڭ ئاساسلىق 3 رولى، بەدەن ئىچ ئورگانلىرىنى قوغداش، تەر تارقىتىش، ھىس قىلىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. تېرىنىڭ رەڭگى، قۇرغاقلىق دەرىجىسى، كۆرۈنۈشى، ھەم تېرىدە پەيدا بولغان بەزى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئادەم بەدەن سالامەتلىكىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ.
تېرىدە ئۆزىگە خاس تېرە ھۈجەيرىلىرى ۋە تېرە قوشۇمچە قىسىملىرىدىن سىرت، يەنە قان تومۇر يوللىرى، لېمفا يوللىرى، نېرۋا يوللىرى بار.
- تېرىنىڭ روللىرى:
- قوغداش: تېرە ئىچكى ئورگانلىرىمىزنى سىرتقى دۇنيادىكى ۋىرۇس، مىكروپ، زەخىم، رادىئاتسىيە… قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ.
- ھىس قىلىش: پۈتۈن بەدەندىكى تېرىلەرنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھىس قىلىش ھۈجەيرىلىرى بار. بۇ ھىس قىلىشلار : 1) بېسىمنى ھىس قىلىش، 2) تېمپىراتۇرانى ھىس قىلىش، 3) تەۋرىنىشنى ھىس قىلىش، 4) ئاغرىقنى ھىس قىلىش، 5) تىگىش نى ھىس قىلىش دەپ بىر قانچىگە بۆلۈنىدۇ. ھەم بۇلار ئوخشىمىغان نېرۋا يوللىرى ئارقىلىق نېرۋىغا بارىدۇ. ئەگەر بەل ئومۇرتقىمىز زەخىمگە ئۇچرىسا، يەنى كېسىلسە ياكى مېڭىمىزنىڭ شۇ ھىسلارنى ھس قىلىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىمىز زەخىمگە ئۇچرىسا، مۇشۇ 5 خىل ھىسنى ھىس قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.
بېسىم ھىس قىلىش نېرۋىلىرى سەل چوڭقۇرراقتا بولىدۇ، تېمپىراتۇرا، تەۋرىنىش، ئاغرىق،تىگىش قاتارلىق ھىسلار سەل تىيىز قىسىمدا بولىدۇ.
- تېمپىراتۇرا تەڭشەش: تاشقى دۇنيادىكى تېمپىراتۇرا ئۆزگەرگەن چاغدا، بەدەن تېرىمىز شۇنى ھىس قىلىپ، ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بەدەن تېمپىراتۇرىمىزنىڭ مۇقىم بىر سەۋىيەدە تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىز بەك قىززىپ كەتكەندە، تەر بەزلىرىمىز بىلەن ئىسىسقلىقنى تارقىتىۋېتىشكە تىرىشىدۇ. تېرىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان چاچلىرىمىزمۇ ئىسسىقلىق ساقلاش رولىغا ئىگە.
- سۇ ساقلاش: سۇ ساقلاش ۋە ماي ساقلاش رولىغا ئىگە.
- سۈمۈرۈش: تېرىنىڭ ئاز بولسىمۇ ئوكسىگىن، ئازوت، كاربون تۆت ئوكسىد سۈمۈرۈش رولىغا ئىگە.
- تۈزۈلۈشىگە قاراپ ئىككى چوڭ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئىنچىكىلەپ بۆلسەك 7 قەۋەت ئەتراپىدا بولىدۇ..
- ئۈستىدىكى تېرە ( 表皮层, epidermis, epidermis ) : 5 قەۋەت بولىدۇ. ھۈجەيرە ھەقىقىي تېرە قەۋىتىدىن ئۆسۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈك ھۈجەيرىگە (ھۈجەيرە يادروسى پارچىلىنىپ يوقايدۇ، ئىچىدىكى ئورگانىللىرىمۇ پارچىلىنىپ كېتىدۇ.) ئايلىنىدۇ. 28 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
- ھەقىقىي تېرە ( 真皮层, dermis, dermis ):
- ئۈستىدىكى تېرە ( 表皮层, epidermis, epidermis ) : 5 قەۋەت بولىدۇ. ھۈجەيرە ھەقىقىي تېرە قەۋىتىدىن ئۆسۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈك ھۈجەيرىگە (ھۈجەيرە يادروسى پارچىلىنىپ يوقايدۇ، ئىچىدىكى ئورگانىللىرىمۇ پارچىلىنىپ كېتىدۇ.) ئايلىنىدۇ. 28 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
بۇ قاتتا تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بولۇشىدىن سىرت يەنە قىل، چاچ، تۈك خالتىلىرى، نېرۋىلار، قان تومۇرلار، ياغ بەزىلىرى، تەر بەزىلىرى … قاتارلىقلارنىڭ كۆپلەپ جايلاشقان قىسمى ھىساپلىنىدۇ.
- تېرىدىكى قوشۇمچە قىسىملار
- تۈك خالتىسى: تۈك خالتىسى ئۆلسە، چاچ ئۆسمەيدۇ.
- تەر بەزلىرى
- ياغ بەزلىرى: ياغلار چىقىش ئارقىلىق تېرىنىڭ مېنىرال ماددىلار، ھورمونلارنىڭ تەمىنلىشىنى ساقلايدۇ.
- تىرناق: كېراتىن ئىسىملىك ئاقسىلتىن تۈزۈلىدۇ. توختىماي ئۆسۈپ ئۈستىگە ئىتتىرىلىدۇ.
- قان تومۇر
- لېمفا تومۇرلار
- نېرۋا يوللىرى