ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاناتومىيە دەرىسلىكلىرى ئوخشىمىغانراق شەكىلدە ئۆتۈشى مۇمكىن. ئەمما مەزمونلار كۆپىنچىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ. بىر پەننى قانچە چوڭقۇر تەتقىق قىلغانسىرى، بۇ پەن شۇنچە تەپسىلىي ئايرىلىشقا باشلىنىدۇ. مەسىلەن ۋەتەندە، سىستېمىلىق ئاناتومىيە دەپ 100 سائەتلىك دەرىستىن سىرت، يەنە 50 سائەت ئەتراپىدا قىسمىي ئاناتومىيە دەپ تېخىمۇ تەپسىلىي ئاناتوميە دەرىسلىكى بار ئىدى.
1. ھەرىكەت (سۆڭەك ئىسكىلىت سىستىمىسى، بوغۇم سىستېمىسى، مۇسكۇل سىستېمىسى)
2. ئىچ ئورگان (ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، سۈيدۈك سىستېمىسى، ئەرلەر كۆپىيىش سىستېمىسى، ئاياللار كۆپىيىش سىستېمىسى، قوساق پەردىسى)
3. تومۇرلار (يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى، لىمفا يولى سىستېمىسى)
4. ھىس تۇيغۇ ( كۆرۈش سىستېمىسى، قۇلاق تۇيغۇ سىستېمىسى)
5. نېرۋا سىستېمىسى
6. ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى
ئۇيغۇرچە: ئاناتومىيە
ئىنگىلىزچە: Anatomy
خەنزۇچە: 解剖学
تۈركچە: Anatomi
تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇردوختۇر)