ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقتۇخۇم سېرىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممتىنى بىلەمسىز ؟

تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممتىنى بىلەمسىز ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇمدىكى ئاقسىل ئېقىغا يىغىلغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم ئېقىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئاران %11 ئەتراپىدا بولۇپ، سۇ مىقدارى %88 تىن كۆپرەك بولىدۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ياغمۇ ئاساسلىقى تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان بولۇپ، ئېقىدىكى ياغ

ۋىتامىنلارمۇ تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان. تۇخۇم سېرىقىدىكى ۋىتامىن A، D، E، K قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار بولۇپ، تۇخۇم ئېقىدا يوق. سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇخۇم سېرىقىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئاچ سېرىق رەڭگى ۋىتامىن B2 دىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ كالپۇك يېرىلىش، تىل ياللۇغى، كالپۇك ئاغرىش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارمۇ تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقىدا فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار مول. گەرچە تۇخۇم سېرىقىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما گۆش يېيەلمەيدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. يەنە تۇخۇمدىكى لېتسىتىننىڭ مەنبەسى تۇخۇم سېرىقى بولۇپ، لېتسىتىن ئۆت ئىشقارىنى ھاسىل قىلىپ، نېرۋا يەتكۈزۈش ماددىسى – ئاتسېتىلخولىننىڭ بىرىكىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقنىڭ بىرىنچى قوشۇمچە يېمەكلىكى تۇخۇم سېرىقىدۇر. تۇخۇم سېرىقى بالىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق.

تۇخۇم سېرىقىدا كۆپ خىل ئوزۇقلۇقلار بولغاندىن سىرت، يەنە ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان كسانتوفىل (يوپۇرماق سېرىق ماددىسى) ۋە زېئاكسانتىن (كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى) بار. كسانتوفىل ۋە زېئاكسانتىن كاروتىن تۈرىدىكىلەرگە تەۋە بولسىمۇ، ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئايلىنالمايدۇ. لېكىن، ئۇلار كۈچلۈك ئوكسىدلاش رولىغا ئىگە بولۇپ كۆزنى ئاسراش رولىغا ئىگە. بۇ 2 خىل ماددا كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، كۆزنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.،،

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:16:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ