خىمىيىۋىلىك تۈزۈلۈش فورمۇلاسى: C4H4N2O5
ئاللوكسان تۇنجى ئىسىم قويۇلغان ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىرى. بۇ ئورگانىك بىرىكمىگە تۇنجى بولۇپ، 1818-يىلى ئىتالىيەلىك خىمىيە تەتقىقاتچى Luigi V. Brugnatelli تەرىپىدىن بايقالغان، ئەمما بۇ تەتقىقاتچى شۇ يىلى ۋاپات بولغاچقا بۇ ئورگانىك بىرىكمىگە ئىچكىرىلىگەن تەتقىقات ئېلىپ بارالمىغان.1838-يىلى ، گېرمانىيە خىمىيە تەتقىقاتچىسى ۋېللېر ۋە لىبىگ بۇ ئورگانىك بىرىكمە ئۈستىدە قايتىدىن ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، Alloxan دەپ ئىسىم قويغان. 1943-يىلى ، ئەنگىلىيىدىكى دون ، شېخەن ۋە ماكلېتچى ئىسىملىك ئۈچ تېببىي تەتقىقاتچى لانسەنت ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئاللوكسان ئارقىلىق ھايۋاناتلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئارال ھۈجەيرىلەرنى بۇزۇپ، بۇ ھايۋانلاردا دىئابىت كېسىلى پەيدا قىلغانلىقى توغرىلىق دوكلات بەرگەن.