تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مېنىڭ بىر ئىشنى بىلىپ باققىم بار.
ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمغا ئۇدۇل بارسام بولامدۇ؟ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟ نومۇر لازىم كېرەك بولسا قانداق ئالىمەن؟
رەھمەت دوختۇر

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
تۈركىيەدە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن نومۇر يەنى رەندىۋۇ ئېلىش لازىم. تۆۋەندىكى ئىككى ئۇسۇل ئارقىلىق ئائىلە ھەكىمى دوختۇرىڭىزغا نومۇر ئالالايسىز.
- MHRS سىستېمىسى ، مەركىزى ھەكىملەر رەندىۋۇ (نومۇر ئېلىش) سىستېمىسى. بۇ ئۇسۇل ئەڭ قولاي. ئەپ چۈشۈرۈپ، ئې دەۋلەت بىلەن كىرسىلا كۆرۈنىدۇ، ئالغىلى بولىدۇ. بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىدىكى دوختۇرلار بىمارلارنى ئالماي كېلىۋېرىڭلار دەيدۇ. مەسىلەن مەن ئىشلەۋاتقان يەر سەل كىچىك بولغاچقا، ھازىرچە نومۇر ئېلىش كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇنچىلىك كۆپ بىمار يوق.
- 182 گە تېلىفون قىلىپ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش.
سىز تىزىملاتقان ئائىلە دوختۇرىڭىزغا ئالدىن نومۇر ئېلىش لازىم ۋەيا ئەمەسلىكىنى شۇ دوختۇرىڭىزدىن سورىۋالسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
سالامەت بولۇڭ.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: