ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقدىيابېت كېسىلىگە شىپالىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

دىيابېت كېسىلىگە شىپالىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯩﯟﻩ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ

0. كاۋا. كاۋىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ﻗﻪﻧﺖ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.

1. ﻳﺎﯕﺎﻕ. ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺑﯚﺭﻩﻙ، ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﻳﺪﯗ. ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺷﯩﺮﻧﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻮﻟﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .

2. ﭼﺎﻱ ﻳﻮﭘﯘﺭمىقى. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪنتىنى ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭼﺎﻱ، ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﻗﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ.

3. ﭼﯜﭼﯜﻛﺒﯘﻳﺎ. ﭼﯜﭼﯜﻛﺒﯘﻳﺎ ﻳﯩﻠﯩﺘﯩﺰﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻨﺰﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺘﻠﯩﻖ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

4. ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ. ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ100-25ﮔﺮﺍﻡ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺘﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﻭﻟﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .

5. ﻣﻮﮔﻮ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻨﻮ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﯞﯦﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .

6. ﺳﻪﯞﺯﻩ. ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .

7. ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﮔﯘﯕﮕﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻣﯩﻨﻮ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﯘﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺖ ﻗﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .

8. ﺩﺍﺩﯗﺭ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ، ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻗﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﺋﯩﻨﺴﯘﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ .

9. ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ. ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﯦﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺘﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ .

10. ﻏﻮﻝ ﭘﯩﻴﺎﺯ. ﻏﻮﻝ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔۈﯕﮕۈﺭتلىك ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻗﺎﻥ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﯘﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯘيۇقلىقىنى ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .

11. ﻛﺎﯞﺍ. ﻛﺎﯞﺍ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .

12. ﺋﺎﭘﻠﯩﺴﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻨﯘﺱ. ﺑﯘﺭ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ .

13. ﭘﺎﻟﻪﻙ. ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 120-60ﮔﯩﺮﺍﻣﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻟﻪﻛﻨﻰ ﺗﻮﺧﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 2-3 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

14. ﭘﯩﭽﻪﻛﮕﯜﻝ. ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﻪﺗﺘﻰ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ ﺗﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺮﺍﺧﻤﺎﻝ ﺋﯧﻨﺰﯨﻤﻰ ﮔﻠﯘﻛﻮﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ .

15. ئۈجمە يوپۇرمىقى: ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ، ئىنسۇلىننىڭ نورمال ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقىرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولېستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە تاماقتىن كىيىن قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن ئىچسە بۇ خىل رولى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا ئۈجمە يوپۇرمىقىدىكى ئالاھىدە تەركىب 1-DNJ پولىساخارىدنى پارچىلاپ، گىلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى تىزگىنلەيدىكەن

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:40:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ