رەسىمدىكىسى 5 ياشلىق قىز بىمارنىڭ ئۆپكە ياپرىقى ياللۇغى رېنتېگىن كۆرۈنۈشى.
بىمار 3 كۈندىن بېرى يۆتەل بەلغەم ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىدۇ. ئوكسىگىن تويۇنۇشچانلىقى SPO2: 93 ئەتراپىدا چىقىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى ئۆپكىنىڭ نەپەس ئاۋازى ناچار ئاڭلانغاچقا، رېنتېگىن تارتىلىدۇ ۋە قان تەكشۈرۈشى قىلىنىدۇ. ئاق قان دانچىسى WBC نىڭ نەتىجىسى 21 مىڭ، CRP 106 چىقىدۇ. بىمارغا ئۆپكە ياپرىقى ياللۇغى دىئاگنوزى قويۇلۇپ، بالىلار بۆلۈمىدە ياتقۇزۇپ داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلماقتا.
رېنتېگىننىڭ سول تەرەپتىكى ( بىمارنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈست ئوتتۇرا قىسىم بولىدۇ ) ئۆپكىدىكى ئاق كۆلەڭگە، ياللۇغلانغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆپكە ياپرىقى ياللۇغى
ئىنگىلىزچە: lobar pneumonia
تۈركچە: lober pnömoni
خەنزۇچە: 大叶性肺炎