تورداشدىن سوئال
ياخشىمۇسىز دوختۇر، سىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ساغلىق ئوجاغىدا قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ دىگەن فىلىمىڭىزنى كۆردۈم. ئەگەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ۋىتامىن د، ب 12، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىق ۋىتامىنلارنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمىسا، قايسى بۆلۈمگە بېرىشىم كېرەك؟
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىدە (يەنى ساغلىق ئوجاقلىرىدا) ۋىتامىن د، ب 12، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىق ۋىتامىنلارنى تەكشۈرۈش قاتارىدىن چىقىرۋەتكەن. بۇ تەكشۈرۈشلەرنى چوڭلار ئۈچۈن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمگە (DAHILIYE , İÇ HASTALIKLARI BÖLÜMÜ ) بېرىش كېرەك، بالىلار ئۈچۈن بالىلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە (ÇOCUK SAĞLIĞI VE HASTALIKLARI BÖLÜMÜ) بېرىش كېرەك.
باشقا دۆلەتلەردىكى ئەھۋالنى ئۇقمايدىكەنمەن.
سالامەت بولۇڭ.