ۋاقىت ئاتقان ئوققا ئوخشاش ناھايىتى تېز ئۆتىدۇ. 2022-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلار تىزىملىكىنى چىقىرالمىغان ئىدۇق. بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ توردىن ئىزدىنىپ باققان ئىدىم، newsweek تور بېكىتىدە تۆۋەندىكى تىزىملىكنى تېپىۋالدىم. مەزكۈر تىزىملىكتە 2022-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 250 دوختۇرخانىلار دەرىجىگە تىزىلىپ بېرىلىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مايو كلىنىك Mayo clinic ھىلىھەم بىرىنجى دەرىجىلىكنى قولغا ئېلىپتۇ. .ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ تىزىملىك ئىچىدە جۇڭگو ۋە تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدى. مەنبە تور بەتتىمۇ بۇ ئىككى دۆلەت دوختۇرخانا ئۇچۇرلىرى بېرىلمەپتۇ.
تۆۋەندە newsweek تور بېكىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادرىسى بېرىلدى. مەزكۈر بەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىن دەرىجىگە تىزىلغان دوختۇرخانىلارنىڭ تىزىملىكىنىمۇ تاپالايسىز.
مەنبە ئادرىسى:
https://www.newsweek.com/worlds-best-hospitals-2022
2021 يىلى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار دەپ باھالانغان 100 دوختۇرخانىلار