ئانا سەھىپەدورا ۋە ساغلاملىقدورا ئىشلىتىشجىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار قايسىلار؟

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

1. جىگەر ئىقتىدارى بىنورمال بولسا جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك

سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ترانسئامىنازا (转氨酶) كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرىلىغانلىقى بايقالغاندا، نۇرغۇن بىمارلار دەرھال جىگەرنى ئاسرايدىغان دورا يەيدۇ. ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلار ترانسئامىنازا كۆرسەتكۈچىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، لېكىن ترانسئامىنازا تۆۋەنلىتىش ھەرگىزمۇ جىگەرنى ئاسرىغانلىق ئەمەس، ترانسئامىنازا كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن جىگەرنىڭ زەخىملىنىپ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. دورا ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئىگىلىمىگەندە، ئەكسىچە كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ترانسئامىنازا سەۋىيەسى ئۆرلەپ كەتسە، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ قاراتمىلىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نۇرغۇن يېنىك دەرىجىدىكى ترانسئامىنازىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى پەقەت فىزىئولوگىيىلىكلا بولۇپ، كېسەللىك بولۇشى ناتايىن.

 

2. جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا جىگەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

بەزى جىگەرنى ئاسرىغۇچى دورىلار ھەقىقەتەن جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، بىراق جىگەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. ساغلام كىشىلەرنىڭ جىگىرىدە مەسىلە كۆرۈلگەندىمۇ، جىگەر ئىقتىدارى نورمال ئەھۋالدا جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، بۇ پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماستىن، ئەكسىچە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئادەتتە تۇرمۇش رىتىمىنى تەڭشەپ، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى ساقلاپ، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتسە بولىدۇ.

 

3. جىگەر كېسىلى بىمارلىرى ئۇزاق مۇددەت جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك

بىر قىسىم B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئادەملەردە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ، جىگەر ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچى يېنىك دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جىگەرنى ئاسراش دورىلىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىگەرنى ئاسراش دورىسى پەقەت بىر خىل قوشۇمچە دورا بولۇپ، كېسەللىكنى داۋالاشتا زۆرۈر ئەمەس، ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىش ئەكسىچە جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى ئىلمىي داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، بەدەن ئېغىرلىقىنى پائال كونترول قىلىپ، تاماكا تاشلىشى، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ياخشى تەڭشىشى كېرەك.

 

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كېلىدىغان جىگەرنى ئاسرىغۇچى دورىلارنى تاللىغاندا، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۆپ ساندىكى جىگەرنى ئاسرىغۇچى دورىلار جىگەرنىڭ مېتابولىزمىدىن ئۆتكەن، شۇڭا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، بولۇپمۇ ئوخشاش رول ئوينايدىغان مېخانىزمدىكى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا جىگەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەدرىجىي مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلارنىڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. جىگەرنى ئاسرايدىغان دورا پەقەت جىگەر كېسىلىنى داۋالايدىغان قوشۇمچە دورا، زىيادە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، مۇھىمى كېسەللىكنى بالدۇر بايقاپ نۇقتىلىق داۋالىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19720196.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ