تۆمۈر ماددىسى (铁, Fe, iron, demir) – يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مىكرو ئېلېمېنت، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنىدە بەلگىلىك مىقداردا تۆمۈر زاپىسى بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ زاپاس ماددىلار بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تەدرىجىي خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆمۈر تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ۋە كەيپىيات ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قايسى ۋاقىتتا، قايسى خىل ئۇسۇلدا تۆمۈر تولۇقلاشنى چۈشىنىش ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

1. ئانا سۈتى ئېمىتىلىۋاتقان بوۋاقلارغا قاچان تۆمۈر ماددىسى باشلاش كېرەك؟
ئانا سۈتىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، لېكىن ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئالدىنقى بىر نەچچە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھالبۇكى، 4-6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلاردا يېتەرلىك تۆمۈر كەمچىل بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا تۆمۈر تەركىبى مول بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، تۆمۈر قوشۇلغان گۈرۈچ ئۇنى، گۆش، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ) ۋە تۆمۈر تولۇقلاش دورىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
2. سۈت پاراشوكى بىلەن باققان بوۋاقلار قاچان تۆمۈر ماددىسى دورىسىنى باشلاش كېرەك؟
فورمۇلا بىلەن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە يېتەرلىك دەرىجىدە تۆمۈر ماددىسى بار بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە ئايلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. شۇڭا، تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا ئادەتتە ئارتۇقچە تۆمۈر تولۇقلاش ھاجەتسىز. ئەمما قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ قوشۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا – ئانىلار يەنىلا يېمەك – ئىچمەكتە مۇۋاپىق مىقداردا تۆمۈر مەنبەسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تۈركىيەدە مەيلى ئانا سۈتى ئىمىتىلىۋاتقان بولسۇن ياكى تەڭشەلگەن فورمۇلالىق سۈت پاراشوكى بېرىلىۋاتقان بولسۇن، ساغلام تۇغۇلغان بوۋاقلار 4 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە تۆمۈر تولۇقلاش تامچە دورىسىنى ھەقسىز تارقىتىدۇ.
3. ھەپتىسىدىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ياكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تۆمۈر ماددىسى قاچان باشلاش كېرەك؟
بالدۇر تۇغۇلغان ياكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى تۆمۈر زاپىسى بىر قەدەر ئاز بولۇشى سەۋەپلىك دوختۇرلار بۇ تۈردىكى بوۋاقلار 1 – 2 ئايدىن باشلاپلا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشنى باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.


