ئائىلىلەردە دورىلارنى بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان، بىخەتەر ۋە قۇلۇپلانغان ئورۇنلاردا ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ دورىنى شىكەر دەپ ئويلاپ خاتا يەپ سېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر زەھەرلىنىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۆي ئىچى بالىلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر جاي دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئوچۇق قويۇلغان بىر قۇتا دورا بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە پاجىئەگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. بالىلار تەبىئىتىدىن قىزىققۇچى ۋە ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى تېتىپ كۆرۈش ئارقىلىق تونۇيدىغان بولغاچقا، دورا قۇتىلىرى ئۇلار ئۈچۈن بىر خىل سىرلىق ئويۇنچۇققا ئوخشاپ قالىدۇ.

بالىلار نېمە ئۈچۈن دورىلارنى خاتا يەپ سالىدۇ؟
بالىلارنىڭ دورىلارغا بولغان قىزىقىشى بىر قانچە تەرەپتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىرىنچىدىن، ھازىرقى زامان تېببىي دورىلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، رەڭگى ۋە شەكلى بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق شىكەرلەرگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. پارقىراق قىزىل، سېرىق ياكى يېشىل رەڭدىكى كاپسۇللار كىچىك بالىلارنىڭ كۆزىگە ئىنتايىن جەلپكار كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچىدىن، نۇرغۇن بالىلار دورىلىرىنىڭ تەمى شىرنىلىك قىلىپ ئىشلەنگەن بولغاچقا، بالىلار بىر قېتىم دورا ئىچكەندىن كېيىن ئۇنى يەنە يېيىشكە تېگىشلىك بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشىمۇ بۇ جەرياندىكى ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى. مەسىلەن، دورىنى تاماق ئۈستىلىدە، كىرىسلو ئۈستىدە ياكى سومكا ئىچىدە ئوچۇق قويۇش بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئاسان ئېرىشىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. كىچىك بالىلار چىقالايدىغان ئورۇندۇقلار ياكى تارتىلمىلار ئارقىلىق ئېگىزدىكى جازىلارغىمۇ يېتەلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. شۇڭا دورا زەھەرلىنىشى مەسىلىسىگە پەقەتلا ئاددىي ئېھتىياتسىزلىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئائىلىدە دورا ساقلاشنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇللىرى
بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئائىلىدە مۇنداق جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك:
- دورىلارنى چوقۇم بالىلار كۆرەلمەيدىغان ۋە قولى يەتمەيدىغان ئېگىزلىكتىكى قۇلۇپلىنىدىغان مەخسۇس ساندۇقتا ساقلاش كېرەك.
- دورا ئىچكۈزگەندە بالىغا ھەرگىزمۇ «بۇ شىكەر» ياكى «تاتلىق يېمەكلىك» دەپ ئالداپ بەرمەسلىك كېرەك، بۇ كېيىنچە بالىنىڭ دورىنى ئۆزى ئىزدەپ تېپىپ يېيىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
- دورا قۇتىلىرىنىڭ قاپىقىنى ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چىڭ يېپىش ۋە دەرھال ئۆز جايىغا قويۇش لازىم.
- مېھمانلار كەلگەندە ئۇلارنىڭ سومكىسىدا دورا بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش، چۈنكى بالىلار مېھمانلارنىڭ سومكىسىنى بىلىپ بىلمەي ئاختۇرۇپ سالىدۇ.
بۇ تەدبىرلەرنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئائىلىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان پاجىئەلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تۈردە ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن. دورا ساقلاش جەريانىدا كونا ياكى ۋاقتى ئۆتكەن دورىلارنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆيدە زۆرۈر بولمىغان دورا زاپاسلىرىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىكمۇ بىر خىل ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلىدۇر.
دورا زەھەرلىنىشى يۈز بەرگەندە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي باسقۇچلار
ئەگەر بالىڭىزنىڭ دورا يەپ قالغانلىقىنى سەزسىڭىز ياكى گۇمانلانسىڭىز، ھەرگىزمۇ جىددىيلىشىپ تەمتىرەپ كەتمەڭ، ئەمما ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. بىرىنچى بولۇپ بالىنىڭ ئېغىزىدا دورا قالدۇقلىرى بولسا ئېھتىيات بىلەن ئېلىۋېتىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئىش كۆرۈڭ:
- دەرھال يەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە (مەسىلەن تۈركىيەدە 112 گە ) تېلېفون قىلىڭ ياكى بالىنى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپىرىڭ.
- دوختۇرخانىغا بارغاندا، بالا ئىچىۋالغان دورىنىڭ قۇتىسىنى، ماركىسىنى ياكى ئورالغان قەغىزىنى چوقۇم بىللە ئېلىۋېلىڭ. بۇ دوختۇرلارنىڭ دورا تەركىبىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈشىگە ۋە توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىشىغا ئىنتايىن چوڭ ياردەم بېرىدۇ.
- بالىنى مەجبۇرىي قۇستۇرۇشقا ئۇرۇنماڭ، چۈنكى بەزى خىمىيىلىك دورىلار قۇسۇش جەريانىدا قىزىلۆڭگەچنى كۆيدۈرۈۋېتىشى ياكى ئۆپكىگە كىرىپ كېتىپ تېخىمۇ ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
- بالىغا سۇ ياكى سۈت ئىچكۈزمەڭ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى كۈتۈڭ.
دورا قۇتىسىنىڭ دوختۇر ئۈچۈن ئەھمىيىتى
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن دورا قۇتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىراق دورا قۇتىسى دوختۇر ئۈچۈن ئىنتايىن «يىپ ئۇچى» دۇر. دورىنىڭ ئىسمى، مىللىگراممى، تەركىبى، ئالغان تانىسى ۋەيا مىقتارى قاراپ، دوختۇرلار زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى تاللايدۇ. مەسىلەن، بىر قۇتا ۋىتامىن بىلەن بىر قۇتا يۈرەك دورىسىنىڭ بالىنىڭ بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەگەر قۇتىسى بولمىسا، دوختۇرلار قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئالتۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە سەۋەب بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ساغلاملىقى بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمىزغا باغلىق. ئۆيىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىڭ، دورا قۇتىڭىزنى بۈگۈنلا بىخەتەر، ئېگىز ۋە قۇلۇپلۇق بىر جايغا يۆتكەڭ. كىچىك بىر ئۆزگىرىش بىر كىچىك ھاياتنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ دۇنياسى رەڭدار، ئەمما ئۇلار خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ كۆزى ۋە قالقىنى بولۇشىمىز كېرەك.


