ھەسەلدە ھۆسن تۈزەش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1. بىر قۇشۇق ھەسەلگە 2–3 ھەسسە سۇ قۇيۇپ ئېرىتىپ ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىگە سۈرتۈپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ بەرسە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمران قىلىپ ، يۈزدىكى قۇرۇقنى ئازايتىدۇ .

2. ھەپتىدە ئىككى قېتىم 50 گرام ھەسەلگە بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارلاشتۇرۇپ ، ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ، يۈزگە سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ ، قۇرۇق يوقىتىپ ، يۈنى پارقىراق قىلىدۇ .

ھەسەلدە ھۆسن تۈزەش

3. ھەسەل بىلەن گېلىتسىرىن ئۇنىنى ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ ، ئۈچ ھەسسە سۇ ئارلاشتۇرۇپ ، مەلھەم قىلىپ يۈزگە سۈرتۈپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تېرىنى يۇمران ، سىلىق قىلىدۇ . قورۇق ، سېرىق داغنى يوقىتىدۇ . چىقان ۋە دانىخورەكنى داۋالايدۇ .

4. بىر ئايغىچە ھەسەلدىن بىر قوشۇق ، سۈت تالقىنىدىن ئىككى قوشۇق ، بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، يۈزگە سۈرتۈپ ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، قۇرغاق تېرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

5. ھەسەلدىن بىر قۇشۇق ، ئۈزۈم شەربىتىدىن بىر قۇشۇق ئېلىپ ، ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا ئۇن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە يۈزنى سىلىق يۇمران قىلىدۇ .

6. ھەسەلدىن 50 گرام ئاق ھاراقتىن 15 مىلىگرام ، ئۇندىن 50 گرام ئېلىپ ، ئۈچىنى ئارلاشتۇرۇپ ، يۈر ۋە بويۇن قىسمىغا سۈرتۈپ 15 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە ، يۈزنى نەمخۇش قىلىپ ، تېرە يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تېرىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ .

7. ھەسەلدىن بىر قۇشۇق ، ئانا ھەرە ھەسىلىدىن بىر قۇشۇق ، بىر دانە تۇخۇم ئېقى ھەم مەلۇم مىقداردا گۈل چېڭىنى ئارلاشتۇرۇپ ، يۈزگە سۈرتۈپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن بىر گرام ئانا ھەرە ھەسىلى ۋە مەلۇم مىقداردا گېلتسىرىننى ئارلاشتۇرۇپ ، يۈزگە سۈرسە ، يۈزدىكى قارا داغنى يوقىتىپ ، يۈزگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ .

8. بىر قۇشۇق ھەسەلنى يېرىم ئىستاكان سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ، چاچنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن چاچقا چېپىپ ، 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە ، چاچنى پارقىراق ، سىلىق قىلىدۇ .

9. 800 گرام ئۈجمە يۇپۇرمىقى ، 200 گرام سىياداننى سوقۇپ ئۇندەك بولغاندا ، 500 گرام ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ، ℃80 قىچە قىزىتىمىز ، ئاندىن 5 گرامدىن قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلاپ ، ھەر كۈنى ناشتىدىن بۇرۇن بىر تالدىن ئىستېمال قىلسا ، چاچقا بالدۇر ئاق چۈشۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .

ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:43:18

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ