*بەدىياننى زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ دائىم ئىچىپ بەرسە ، مەيدىنى تازلايدۇ ، يەلنى ھەيدەپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈررىدۇ .
*ئىسسىق غىزادىن قورساق ئاغرىپ قالسا ، جىگدىنى قاينىتىپ شەربەت قىلىپ ئىچسە ، دەرھال شىپا بولىدۇ .
*سامساقنى ئەركەك قوينىڭ چاۋا يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەتتتە كۈن يېسە ، ساقايمىغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .
*ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ كۆمەچ ئېتىپ يېسە ، بوراسىر (گېمروي)غا مەنپەئەت قىلىدۇ .
*باش ئاغرىغاندا ، بىر ئىستاكان قايناق سۇغا تۈزنى قۇيۇپ ئىچسە ئاغرىق دەرھال توختايدۇ .