ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقبەزى ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى بىزار قىلىدىغان مىجەزلىرى

بەزى ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى بىزار قىلىدىغان مىجەزلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1.بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ﮬەر بىر ﮬەركىتىنى گۇمان بىلەن كۈزىتىدۇ . ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بولغان ،نورمال مۇناسىۋىتىگىمۇ گۇمان بىلەن قاراپ ، ئېرىنىڭ ﮬەممە ئىششىنى سەمىمىلىك بىلەن دوكلات قىلىپ تۇرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېرى شۇنچە سەمىمى بولسىمۇ ﮬەر ۋاقىت گۇمان بىلەن قارايدۇ .

2.بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ مۇئاشىنى بىر تىيىننىمۇ قالدۇرماي ئېلىۋالىدۇ . ئېرىگە پۇل لازىم بولسابەرگۇسى كەلمەيدۇ .ئېرىدىن گۇمانلىنىپ ، يەنە ئىدارىسىنىڭ   مۇئاشتىن سىرت باشقا قۇشۇمچە پۇل بەرگەن بەرمىگەنلىگىنى ئېرىنىڭ ئىدارىسىدىكىلەردىن سۇرۇشتۈرىدۇ .

3.بەزى ئاياللار ئەرلەرئۆيدە يوق ياكى ئۇخلاپ قالغان چاغدا ، ئېرىنىڭ ﮬەميان ،يانچۇقلىرىنى،چاقىرغۇ،تېلېفونلىرىنى ، خالىغانچە ئاختۇرۇپ باقىدۇ، ئېرى سېزىپ قىلىپ نارازى بولسا<< قورسىقىڭدا جىن بار سىنىڭ شۇڭا مەندىن يۇشۇرىسەن>> دەپ بىشەملىك قىلىدۇ .

4. بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى ئائىلىدە ئۈچۈنچى دەرىجىلىك پۇقرا قىلىپ قۇيىدۇ ،ئەرلەر ﮬەرقانداق ئىش قىلغاندا،يوليورۇق سوراپ تۇرۇشىنى،ﮬەممە ىشنى يىپتىن – يىڭنىسىغىچە دوكلات قىلىپ تۇرىشىنى ، ئۆزىگە شەرتسىز بوي سۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ .ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئىمتىيازلىق ئۇرۇندا تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ .

5.بەزى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ﮬەر قانداق ئىششىدىن رازى بولماي كوتۇلداپلا يۈرۈيدۇ،بىرەر ئىش قىلسا قۇسۇر ئىزدەپ ئاراملىق بەرمەيدۇ . بىكار يۈرسە » ئىش قىلمىدىڭ » دەپ زارلىنىدۇ، ﮬەر ۋاقىت ئۆزىگىمۇ ئېرىگىمۇ پەقەتلا ئاراملىق بەرمەيدۇ.

6.بەزى ئاياللار باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ يامىنىنى ئېيتىپ ،بىر تىيىنگە ئەرزىمەس قىلىۋىتىدۇ.ئېرى بىرەر نەتىجە ياراتسا » مەن ئۇنى شۇنداق قىل » دىگەن دەپ ئۇتۇقنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ.

7.بەزى ئاياللارئۇيدىكى نەرسىلەرنى ئېرىنىڭ روخسىتىنى ئالماي ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە تۇشۇپ، ئۆزى خالىغانچە ئادەمگەرچىلىك قىلىدۇ.ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسى ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا بولسا ئازراقمۇ كۈڭۈل بۆلمەيدۇ ﮬەتتا تېگى پەسلەر دەپ ﮬاقارەتلەيدۇ .

8.بەزى ئاياللار بىر قىسىم ئىشلاردىن كۈڭلى ئازار يىسە ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ ،  قەستەن ئېرى بىلەن جىدەللىشىدۇ ،ئۇرۇق  – ئەۋلادىنى بىرنى قويماي  تىللاپ ، ئاچچىغىنى ئېرىدىن ئالىدۇ.

9.بەزى ئاياللار باشقىلار بىلەن ،ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جىدەللىشىپ ، جاﮬاننى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋىتىدۇ.بۇ ئەرزىمەس ئىشقا ئېرىنىمۇ سۆرەپ كىرىپ ،باشقىلارنى تىللاپ ياكى ئۇرۇپ ئۈچ ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

10.بەزى ئاياللار ئائىلىدىكى ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن ئېرى بىلەن تاكالىشىپ قالسا ،ئېرىنىڭ ئىدارىسىگە بىرىپ ئەرز – شىكايات قىلىپ ئېرىنى ئوسوللاشتۇرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-05-01 / 08:30:33

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ