رۇسىيە «يېڭى نۇقتىئىنەزەر» خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاسان راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 4 خىزمەتنى بېكىتكەن
دېھقانلار ئەڭ ئاسان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەنمۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاسان راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى خىزمەت بېسىمى ۋە ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت قۇياش نۇرى ئاستىدا خىزمەت قىلغان ئادەمنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئەڭ چوڭ ئىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدە %30 ئەر ۋە %8 ئايال خىزمىتى تۈپەيلىدىن قۇياش نۇرىغا «قاقلىنىش» قا مەجبۇر بولىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر بېكىتكەن ئەڭ ئاسان راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 4 تۈرلۈك كىشى دېھقان، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، شوپۇر ۋە بازاردا بىر نەرسە ساتقۇچى ئىكەن.