بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ.
خەنزۇچىدە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازانغا كىرىش مۇسكۇللۇق كىلاپاندا مەسىلە چىقىپ قالسا، ئاشقازاندىكى تاماق، سۇ كىسلاتالار ئاسان ئارقىغا يېنىپ كېتىپ، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمى يەنى ئاشقازانغا يېقىن بولغان قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر زەخىمگە ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ كىلاپاننىڭ نورمال يېپىلالماسلىقنى بىز قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلى دەپ ئاتايمىز.
ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى سەۋەبى نىمە؟
ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى سەۋەبى ئاساسلىقى بايا دەپ ئۆتكەن ئاشقازانغا كىرىشتىكى قاپقاپ، يەنە بىر ئىسمى قىزىلئۆڭگەچ پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ رولى بىنورمال بولۇشىدىن بولىدۇ.
بۇ قاپقاقنىڭ رولىنى بىنورمال قىلغان سەۋەبلەر بولسا، كۆپ قەھۋە ئىچىش، تاماق ۋاقتى بىنرومال بولۇش، ھەر قېتىم كۆپ تاماق يەۋىلىش، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۆپ نەرسە يەۋىلىش، مايلىق تاماقلار، شاكىلات، دارا دەرمانلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، كۆپ قۇسۇش، زىيادە سېمىزلىك، ھامىلەلىك، ھاراق تاماكا، قاتارلىقار… مۇشۇ سەۋەبلەردىن، شۇ مۇسكۇل نورمال تارىيىپ كېڭىيەلمەي قالىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازاندىكى تاماقلار، ئاشقازان كىسلاتالىرى قايتا قىزىلئۆڭگەچكە يانىدىغان بولۇپ قالىدۇ.