سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دوختۇر CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلغاندا، بەزى كىشىلەردە بىر خىل يەكلەش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ ۋە ھەمىشە: «CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش قىلمىسا بولمامدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.
كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئەندىشىسى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئامېرىكا سەھىيە تارماقلىرى X نۇرنى يېڭىدىن كۆپەيگەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت X نۇر بىلەن ئۇچرىشىش ھەقىقەتەن بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ تېنى ئاجىز بوۋاقلار ياكى ياشانغانلار CTدا تەكشۈرگەندە ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
CTدا تەكشۈرتكەندە زادى قانچىلىك راك پەيدا قىلىدۇ؟
بۇ مەسىلە ئاساسلىقى رادىياتسىيە مىقدارىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىغا باغلىق، ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم قايتا-قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلسا، ھەقىقەتەن كۆپ مىقداردا رادىياتسىيە جۇغلىنىپ، بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەر بىر CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەن بىمارنىڭ CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈشنىڭ زىيانلىق ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، لېكىن ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈشنى چەتكە قاققانلىق بولمايدۇ. كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا دوختۇرلار زۆرۈر بولغاندا ئاندىن بۇ خىل تەكشۈرۈشنى قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
CTدا تەكشۈرۈشنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندىكى ئەۋزەللىكى شۇكى، ئادەتتىكى X نۇرىدا تەكشۈرۈشتە پەقەت بىر دائىرىلا شەكىللىنىدۇ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسىمدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاددىي بىر مىسال ئالساق، X نۇرىدا تەكشۈرگەندە پەقەت بەدىنىمىزدە بىر يۇمىلاق نەرسە بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ نەرسىنىڭ تاش ياكى باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى، ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا بىۋاسىتە ھۆكۈم قىلغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.
CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىنى تېشىپ ئۆتۈپ، بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ، ئۇنى تازىلىۋېتىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.
ھەر قانداق تەكشۈرۈشنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرەپلىرى بولىدۇ، بىمارلار CT تەكشۈرۈشنى روھى بېسىم قىلىۋالماسلىق كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17790503.shtml