ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃炎 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم.
- ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيانلىق بولغان تاماقلاردىن، دورىلاردىن، ۋە ماددىلاردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم.
- ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىستىمال قىلمىسا بولمايدىغان بىمارلار، چوقۇم ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا دورىلارنى تاللاش لازىم. Nsai دورىلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم.
- ئاشقازان ياللۇغى قاتتىق تۇتۇپ كەتكەندە، يېرىم كۈن ياكى بىر كۈن ئېغىر ياكى قىززىق ، ياكى زىيادە سوغۇق تاماقلارنى يىمەسلىك لازىم. پەقەت سىڭىشلىق بولغان قورۇمىغان كۆكتات كۆپ سېلىنغان سۇيقاش ئاز ئازدىن ئىچىش، بىرازلا نان يىيىش لازىم.
- زىيادە بېسىمدىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم.
- تاماق ۋاقىتلىرى رىتىملىق بولۇش لازىم. ھەر قىتىمدا زىيادە كۆپ تاماق يەۋالماسلىق لازىم. دورا دارمان ئېغىر بولغان ياكى ئاچچىق چۈچۈك تاماقلارنى ئامال بار ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
- ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرۇش لازىم. قەھۋە، كولا دىگەنلەرنى ئامال بار ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك لازىم.
بۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن سىرت يەنە دورىلىق داۋالاشتا، بايا دەپ ئۆتكەن بۆلۈمنىڭ دوختۇرلىرى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدىغان، ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئازايتىدىغان قاتارلىق دورا بېرىدۇ. ئەگەر ئاشقازاندا خەلىكوباكتېر مىكروپ بولسا مىكروپ ئۆلتۈرىدىغان دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ داۋالايدۇ. مىكروپ ئۆلتۈرىدىغان دورىنىڭ ئىستىمال قىلىش مۇددىتىنى دوختۇرىڭىز بەلگىلەيدۇ.