ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃炎 دەپ ئاتايدۇ.
ھەزىم قىلىش يولىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، بىر قەدەر توغرا دىئاگنوز قويالايدىغىنى ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىش ئۇسۇلى. ئەمما بۇنى شۇ زامان قىلغىلى بولىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئەمەس. شۇڭا ئاۋۋال دوختۇرلار تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بىمالارنىڭ ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش باشلايدۇ.
لېكىن ھازىر دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاشقازان ياللۇغىنى توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈش لازىم.
ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئىنگىلىزچە endoscopy دەپ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ endoskopi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە: 胃镜检查دەپ ئاتايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە باكتېرىيەنى باريوقلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان ئۇرىيە نەپەسلىنىش تەكشۈرۈشى، قان تەكشۈرۈش، ۋە بارىيۇملۇق سى تى نىڭمۇ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۆۋەندىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىمۇ بار.
Urea breath test, ure nefes testi, 尿素呼气试验