ئاشقازانغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش رەسىملىك كۆرۈنۈشى
胃内窥镜检查(胃镜检查)
endoscopy examination
endoskopi
ئاشقازانغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۇدۇل كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ باھالىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىرەر كېسەللىك ئۆزگىرىش يەرلىرىنى كۆرسە، مەسىلەن قىزىرىپ قالغان ياللۇغ شۈبھەسى بولغان يەرلەر، يارا شۈبھىسى بولغان يەرلەر، ئۆسمە شۈبھىسى بولغان يەرلەر بولسا پارچە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە بۇ پارچىنى پاتولوگىيە ئانالىز قىلىشىغا ئەۋەتىدۇ. كۆپىنچە يەردە پاتولوگىيە ئانالىز تەكشۈرۈشى ئۈچۈن 10 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان داۋالاش ئىمتىيازى بولغان يەرلەرنىڭ ئوخشىمايدۇ.
بەزى يەرلەردە ئاشقازانغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىدا ئېغىز كىكىردەك مۇسكۇللىرىنى مەست قىلىدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا بەك بىئاراملىق ھىس قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما يەنە بەزى داۋالاش تەكشۈرۈش مەركەزلىرىدە مەست قىلمايدۇ.
ئاشقازانغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلى، قىزىلئۆڭگەچ ئاستى قىسمى راكى، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارىلىرى، ئاشقازان تىشىلىپ كېتىش سەۋەبلىك قاناش، … قاتارلىق كېسەللەرگە دىئاگنوز قويالايدۇ.