سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ھەر كۈنى ئېغىزىنى چايقاپ، چىشىنى چوتكىلىسىمۇ، ئېغىزىدا يەنىلا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر خىل سېسىق پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال نۇرغۇن كىشىلەرنى باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئېغىزدىكى غەيرىي پۇراقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسى، ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسى قاتارلىقلار. بۇ ئەھۋالنى داۋالاش ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىستېمال قىلىشتىن سىرت، يەنە بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىدىكى غەيرى پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا دائىم قايسى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئېغىز بوشلۇقىنى خۇشپۇراق قىلغىلى بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە يىمەكلىكلەردە بولسۇن.
1. كەرەپشە (芹菜)
كەرەپشە تەركىبىدە مول بولغان يېمەكلىك تالاسى بار، كەرەپشىنى چاينىغاندا، بۇ يىرىك تالا چىش ئارىسىدىكى قالدۇق يېمەكلىكلەرنى تازىلاشتىن سىرت يەنە قالدۇق يېمەكلىكنىڭ ئېچىغانلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان غەيرىي پۇراقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كەرەپشىنى چاينىغاندا، يىرىك تالا شۆلگەي بەزلىرىنى غىدىقلاپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە پۇراق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
2.لامنارىيە (海带)
لامنارىيە تەركىبىدىكى تالا ماددىسى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە بەدەندە ساقلىنىپ قالغان كېرەكسىز ماددىلار ۋە ئەخلەتلەرنى تېز ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لامنارىيە تەركىبىدىكى تالا ماددىسى يەنە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىنى ئويناپ، ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. نەشپۈت (梨)
نەشپۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، بەدەننى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەشكە ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا قان ئايلىنىشنىمۇ تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەشپۈت تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى ئازايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىز پۇراشنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
4. قارا نومى گۈرۈچى (黑糯米)
قارا نومى گۈرۈچى ناھايىتى ياخشى كۈتۈنۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تىزگىنلەشتىن باشقا، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشقازان،-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىز پۇراشتىن ناھايىتى زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ.
5. قىزىل چاي (红茶)
ئەگەر ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى زەخىملەنگەنلىكتىن ياكى سوغۇق ئۆتۈپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراش ئەھۋالى بولسا، ئۇنداقتا قىزىل چاينى ئىچىشكە بولىدۇ. قىزىل چاي ئاشقازاننى ئىسسىتىپلا قالماستىن، يەنە ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17782718.shtml